شەكىلۋازلىقنى تۈپتىن تۈزەشتە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىغا تايىنىش كېرەك
22:20:15 2024-06-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىن شىجيەن

 ئالدىراپ- تېنەپ خىزمەتنى يۈزەكى قىلىدىغان ئىشلار ئازايدى، ئېتىز بېشىدا خەلق ئەھۋالىنى زىيارەت قىلىدىغان ۋاقىت كۆپەيدى؛ ھەممىلا يەردە ئىز قالدۇرۇپ، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەيدىغان ئەھۋاللار ئازايدى، ھەرقايسى جەھەتلەردە ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى... بىر مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاپلا قالماي، يەنە راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى تىكلەش، خەلق قەلبى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

 شەكىلۋازلىق جاھىل ئىللىتىنى تۈپتىن تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىشتە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىش نېگىز. مەيلى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جاي ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىرلەرگە قاراپ باقساق، ياكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان شەكىلۋازلىق قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشكە دائىر تىپىك مىساللارغا قاراپ باقساق، شەكىلۋازلىقنىڭ مەنبەسى سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن، بۇرمىلىنىشىدىن، مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ كەم بولغانلىقىدىن بولغان، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئېسىل ئىستىلى بىلەن پەقەتلا سىغىشالمايدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە جەزمەن سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش تەلىپىنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچنى سىياسىي نەتىجە قارىشى توغرا بولماسلىق، خىزمەت ئۇسۇلى ئاددىي بولۇش، ئىستىلدا پۇختا بولماسلىق قاتارلىق شەكىلۋازلىقتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا سەرپ قىلىش، جەزمەن ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، بۇ، شەكىلۋازلىق جاھىل كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك دورا.

 توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى- ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەخلاقى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يولى، سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيەۋىلىك. پارتىيەۋىلىكنى مۇستەھكەملەپ، شەخسىي غەرەز، بىمەنە خىياللارنى چۆرۈپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن سىياسىي نەتىجە قارىشىدا ئېغىش كۆرۈلمەسلىككە، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا ئەگرى يولنى ئاز مېڭىشقا، خاتا يولدا ماڭماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىپ، كىشىلەر قەلبىگە ياقىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى كېرەك، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ماھىيەتلىك تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، شەكىلۋازلىق جاھىل كېسىلىنى تۈپتىن تۈزەشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتىدە چىڭ تۇرغىلى بولىدۇ.

 توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇشتا جەزمەن توغرا ھوقۇق قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، ئۆز قولىدىكى ھوقۇقنى، ئىشلەۋاتقان ئىش ئورنىنى پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ناچار كەيپىياتلىرىنى ئاڭلىق توسۇپ، «سىياسىي نەتىجە ئۈچۈن ئۆپكىسىنى باسالماسلىق كېسىلى»نى ئۈنۈملۈك چەكلەپ، ھوقۇقنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىدىغان، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ كېتىدىغان ئىللەتلەرنى تاشلاپ، سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى، ئوبراز قۇرۇلۇشى، يۈز- ئابرۇي قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جاھىللىقتىن ۋاز كېچىپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن سەمىمىي تەلىمنى قەلبىگە مەھكەم پۈكۈپ، ئۇنى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىشتىكى سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قەيەردە ئەمەل تۇتسا شۇ يەرگە بەخت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

 توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇشتا، جەزمەن توغرا كەسىپ قارىشى تۇرغۇزۇش كېرەك. سىياسىي نەتىجە ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. يۈزەكى ئىش قىلىپ، سۆلەتۋازلىق قىلغاندا، تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى ماھىيەتكە سەل قارىغاندا، پەقەت تېز ئۆسىدىغان تېرەك تىكىپ، كۈمۈش ئۆرۈك دەرىخى تىكمىگەندە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان نەتىجىگە ئېرىشىش تەسكە توختايدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، مەيلى «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇش ياكى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بولسۇن، مەيلى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ياكى «سەككىز چوڭ كەسىپ» توپى قۇرۇش بولسۇن، ھەممىسىدە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەت، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، «ئىشلەش»كە كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئەمەلىي» بولۇش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە، ھەم سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش، ھەم ماھارىتى ئۈستۈن بولۇشىغا ئېھتىياجلىق، ئۆگىنىش قابىلىيىتى، سىياسىي رەھبەرلىك قابىلىيىتى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش قابىلىيىتى قاتارلىق «سەككىز چوڭ قابىلىيەت»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلىش تۈرىدىكى شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىشنى دەل جايىدا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

 ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ يۆنىلىش بەلگىسى. قانداق ئادەمنى ئىشلىتىش دەل قانداق سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تەشەببۇس قىلىشتۇر. ياخشى ئەخلاق، ئىستىلدىن پايدىلىنىپ ئادەم تاللاش، ئەخلاقى، ئىستىلى ياخشى كىشىلەرنى تاللاش، ئەخلاقى، ئىستىلى ياخشى كىشىلەرنى ئىشلىتىش توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزغاندىلا، ئاندىن تەدبىر بەلگىلەش- ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش داۋامىدا شۆھرەتپەرەسلىككە بېرىلمەي، مەۋھۇم ئىش قىلماي، قۇرۇق نام- ئاتاق قوغلاشماي، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىيەلەيدۇ، ئاندىن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش داۋامىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ۋاقىت، زېھنىي كۈچ، ئەقىل- پاراسەتنى تەرەققىياتنى پىلانلاشقا ئىشلىتەلەيدۇ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغان ياخشى نەتىجە، ھەقىقىي نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.


(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125