شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى ئىقتىساد گېزىتخانىسى تەھرىرلىگەن، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان يەنە بىر يۈرۈش «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتابلار» بۈگۈندىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە تارقىتىلدى. بۇ يۈرۈشلۈك كىتابلار «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىشقا دائىر ئەسەرلەر توپلىمى(2023)» ۋە «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا دائىر ئەسەرلەر توپلىمى(2023)»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىغان ۋە راۋاجلانغان ئىلمىي، ئوچۇق ئىدىيەۋى نەزەرىيە سىستېمىسى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، زور خەۋپ- خەتەر، خىرىسلارغا ئىلمىي تاقابىل تۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيەۋىلەشكەن، سىستېمىلاشقان تەتقىقاتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، 2023- يىلى 8- ئايدىن باشلاپ، ئىقتىساد گېزىتخانىسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) بىلەن بىرلىشىپ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق يەتتە ئاپپارات بىلەن بىرلىكتە «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى تەتقىقاتى» بويىچە ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 100 پارچىغا يېقىن نەزەرىيە ماقالىسىنى تۈزۈپ تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىساد گېزىتخانىسى شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەسىپلەر بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كارخانىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا دائىر 20 نەچچە يۈرۈش مۇھىم خەۋەرنى ئېلان قىلدى. نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىيەتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىر يۈرۈش نەتىجىلەر كەينى- كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ كەڭ دائىرىدە دىققىتىنى قوزغىدى. ئىقتىساد گېزىتخانىسى كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر يىلدىن بۇيانقى ئىككى چوڭ يۈرۈشلۈك نەتىجىلەرنى توپلاپ كىتاب قىلىپ چىقتى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 2021- يىللىق ۋە 2022- يىللىق «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتابلار» ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئىقتىساد گېزىتى نەشرىياتى ۋە خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)