ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن
«ئەگەر يەنە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە بارسام، چوقۇم مىللىي كىيىم- كېچەك كىيىپ بىر يۈرۈش سۈرەتكە چۈشەتتىم» دېدى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاكتىپ كۈچكە ئىگە تور داڭلىق شەخسلىرىدىن «شىنجاڭ شياۋگۇ».
يېقىندا، قەشقەردە ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولغاندا، «شىنجاڭ شياۋگۇ»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەملىكەت بويىچە 40تىن ئارتۇق تور مەدەنىيلىكى ھەمراھلىرى، ئاكتىپ كۈچكە ئىگە تور داڭلىق شەخسلىرى، تور سۇپىسى ۋەكىللىرى ھەم تاراتقۇ مۇخبىرلىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى. «شىنجاڭ شياۋگۇ» قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنى يولغا قويغان يۈرۈشلۈك سۈرەتكە تارتىش مۇلازىمىتىگە چوڭقۇر مەپتۇن بولۇپ قالدى.
قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ھازىرغىچە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە 160تىن ئارتۇق ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنى بار بولۇپ، ساياھەت سۈرىتى تارتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 2000 دىن ئاشىدىكەن، يىللىق كىرىمى 260 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.
شېنجېندىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنى ئاچقىلى كەلگەن فوتوگراف «ليۇليەن» (توردىكى ئىسمى): 2020- يىلى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنىدىن پەقەت ئۈچىلا بار ئىدى، 2022- يىلىغا كەلگەندە، تەرەققىي قىلىپ نەچچە ئونغا يەتتى، دېدى. 2020- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە، «ليۇليەن» قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە توپتوغرا بىر يىل تۇرۇپ، بۇ يەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىگە مەپتۇن بولۇپ قالدى، ئارقىدىن بۇ يەردە ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنى ئېچىپ، شياۋخۇڭشۇ سۇپىسى ئارقىلىق خېرىدارلارنى جەلپ قىلىشنى قارار قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، «ليۇليەن»نىڭ شياۋخۇڭشۇدا 6000دىن ئارتۇق مەستانىسى بار بولۇپ، %99 خېرىدار شياۋخۇڭشۇدىن زاكاز قىلىدۇ.
2021- يىلىدىن باشلاپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە دامو خۇاكەي ساياھەت سۈرىتى تارتىش ئىشخانىسىنى ئاچقان «جوۋ پاۋپاۋ» (توردىكى ئىسمى)نىڭ ھازىر سودىسى ياخشى بولغاچقا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى يۇقىرى پەللە مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، بىر كۈندە 40- 50 گۇرۇپپا خېرىدارغا سۈرەتكە تارتىش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.
2023- يىلى ئىپارخان ساياھەت سۈرەتچىلىكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى 100 يىللىق قەدىمىي چايخانىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇنجى ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنى ئاچتى، ھازىرغىچە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ دۇڭچېڭ، شىچېڭ ھەم كوئېنلۇن مۇنارى ئاستىدا يەتتە دۇكان ئاچتى. «بۇلتۇر، قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر شىددەت بىلەن كۆپەيدى، بىز يېڭىچە ئىستېمال يۈزلىنىشى پۇرسىتىنى تۇتۇپ، تېز سۈرئەتتە ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكانلىرىنى ئاچتۇق» دېدى ئىپارخان ساياھەت سۈرەتچىلىكىنىڭ دەسلەپكى پايچىكى لى يۈەن.
بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئىپارخان ساياھەت سۈرەتچىلىكى پۈتۈن شىنجاڭدا سەككىز ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنى ئاچتى، ئەڭ يېڭى ئېچىلغان دۇكان غۇلجا شەھىرى ئالتە شوئار كوچىسىدا.
ساياھەت سۈرىتىگە چۈشۈش بىر خىل چۆكۈش شەكلىدىكى ئىستېمال بولۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. ھازىر، بۇ يېڭى تىپتىكى ئىستېمال كەسىپ ھالىتى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەۋج ئالدى، فېڭخۇاڭ قەدىمىي شەھىرىدىن بۈيۈك تاڭ كېچە بولماس شەھەرچىسىگىچە، جوۋسۈن كەنتىدىن چيەنخۇ مىياۋزۇلار كەنتىگىچە ساياھەت سۈرىتىگە چۈشۈۋاتقانلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. «بولۇپمۇ لىجياڭدا ساياھەت سۈرىتى تارتىش ئەۋج ئالدى، دەريا بويلىرىنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنى بار» دېدى لى يۈەن.
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ سىرتىدا كۆتۈرۈلگەن ساياھەت سۈرىتى تارتىش شامىلى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. ئالدى بىلەن سىرتتىن كەلگەن بىر تۈركۈم سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىپ دۇكان ئاچتى، ئارقىدىنلا يەرلىكلەر بۇنىڭغا ئەگەشتى، بولۇپمۇ بۇ يىل مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا دىلرابا ئەتلەس كۆڭلەك كىيىپ ئۇسسۇل ئويناپ، ساياھەت سۈرىتى تارتىش بازىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، يەنە بىر تۈركۈم مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرنى دۇكان ئېچىشقا جەلپ قىلدى.
ھازىر دىلرابا بىلەن ئوخشاش پاسوندىكى كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ يۈرۈشلۈك ساياھەت سۈرىتىگە چۈشۈش قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ساياھەت سۈرىتىگە چۈشۈشتىكى يېڭى مودا بولۇپ قالدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىزغىن قويۇلۇۋاتقان «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كۆرسىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شىمالىي شىنجاڭ بىناكارلىق خاسلىقىغا ئىگە ئالتە شوئار كوچىسى، قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادىتى ساياھەت رايونى قاتارلىق جايلارمۇ ساياھەت سۈرىتى تارتىشقا مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەر ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدىغان يېڭى ئېگىزلىككە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، ئالتە شوئار كوچىسىدا 40تىن ئارتۇق ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنى ئېچىلدى.
بىر قىسىم ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكانلىرى مىللەتلەر خاسلىقىغا ئىگە قەدىمىي كوچىلاردا، يەنە بىر قىسىم ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكانلىرى كەنت- بازارلاردىكى گۈل دېڭىزى ئەتراپىدا ئېچىلدى. چيەنمو ساياھەت سۈرەتچىلىكى ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرى شاڭسى كەنتىدە يىلتىز تارتىپ، سەككىز مو يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ گېساڭ گۈلى، بەيرىجۈ قاتارلىق گۈللەرنى تېرىپ، ساياھەتچىلەرنى گۈل دېڭىزىدا خەنفۇ كىيىپ يۈرۈشلۈك سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى. «ھەر يىلى 6- ئايدىن 9- ئايغىچە، ساياھەت سۈرىتىگە چۈشىدىغان خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ» دېدى چيەنمو ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنىنىڭ باشلىقى دۇ يەنخۇڭ.
يېڭىچە ئىستېمال بازىرى قېزىلدى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى «ئەيماشى داڭلىق ئېتى بىلەن ساياھەت سۈرىتىگە تارتىش» ۋە «ئاتنىڭ ئالاھىدە ماھارەت ھەرىكىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ساياھەت سۈرىتىگە تارتىش» مۇلازىمىتى قىلىپ، ئاساسلىقى قىسقا سىنغا ئېلىشنى يولغا قويدى. «مەلىكىگە سالام بېرىشكە ئوخشاش مۇشۇنداق قىسقا سىندا نۇر ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، كۆرۈنۈشى بەك گۈزەل، مەسلىھەت سوراپ سۈرەتكە چۈشۈشكە ئالدىن كېلىشىپ قويغان خېرىدارلار ناھايىتى كۆپ» دېدى شىنجاڭ يېما مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چيۇ لياڭ.
ساياھەت سۈرىتىگە چۈشۈشنى تاللايدىغان خېرىدارلار ئاساسلىقى ياشلار. قىسقا سىننىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر ياشلار ساياھەت سۈرىتىگە چۈشۈشكە قىزىقىپلا قالماي، يەنە ھېكايە ۋەقەلىكى بار قىسقا سىننى سۈرەتكە ئېلىشقا كېلىشىپ، دوۋيىن، شياۋخۇڭشۇ قاتارلىق سۇپىلاردا تارقىتىپ، دوستلىرىغا ھەمبەھرىلەيدىغان بولدى.
يېڭىچە ئىستېمال بازىرى كۈتۈۋېلىندى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئەيمېي باشى توي مۇلازىمىتى مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسى مەخسۇس شېرىن ئاي ساياھەت سۈرىتى تارتىش بۆلەك مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. «ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا شېرىن ئاي ساياھەت سۈرىتىگە چۈشكىلى كېلىدىغان خېرىدارلار شىددەت بىلەن كۆپەيدى، بولۇپمۇ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋدىن كېلىدىغان خېرىدارلار ئالاھىدە كۆپ.» ئەيمېي باشى توي مۇلازىمىتى مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ شىن مۇنداق دېدى: 10 يىل ئىلگىرى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت سۈرىتىگە چۈشۈشنى ياخشى كۆرەتتى، ھازىر نۇرغۇنلىرى شىنجاڭغا يۈزلەندى.
ساياھەت قىلىش، ئەمدى «بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلدىم» دەپلا داكا قىلىش ئەمەس، چۆكۈش شەكلىدىكى ساياھەت ئىستېمالى يېڭى دولقۇنىغا ئايلانماقتا، ساياھەتچىلەر «سۈرەت كۆرگۈچى»دىن «سۈرەتتىكى ئادەم»گە ئايلىنىپ، سەھنە ئاستىدىن سەھنە مەركىزىگە قاراپ مېڭىشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدىغان بولدى. شىنجاڭنىڭ ساياھەت سۈرىتى تارتىش كەسپىنىڭ تېز راۋاجلىنىشى ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ قالدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)