ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
19:25:31 2024-06-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم تەبرىك سۆزى ۋە جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

 ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىدا، جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى بويىچە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى سىنلىق تەبرىكلىگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم تەبرىك سۆزى، مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى مۇھاكىمە قىلىندى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار مۇھىم ھۆججەتلەرنى قاراپ چىقتى، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كارخانا ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پىلانلاش- ئىشلەشكە ماھىر بولۇش، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەقىقىي تۈردە بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى بويىچە يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ئەمەلىي كۈچى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەر ۋە ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قېزىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداپ ۋە قوزغاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كۆلەمنى كېڭەيتىپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىرلىك ھوسۇل ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايونىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى بويىچە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا كېلىشىم ئىمزالاش جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنىڭ تەسەۋۋۇردىن رېئاللىققا ئايلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئېلىپ كەلگەن مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا پائال پىلانلاپ يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم تەبرىك سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ياۋ چىجىغا يازغان مۇھىم جاۋاب خېتى ۋە ئامېرىكا كېئېن داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى رېپوللېتقا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىچكى- تاشقى مائارىپ ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، پەن- تېخنىكا تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى:جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش مەنىۋى كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى قاتارلىق مۇھىم تۈگۈنگە بىرلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان مۇھىم ۋەزىپە. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ۋەزىپە تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، جەمئىيەت يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ھەمدە ئۇزاق مۇددەت ھەل قىلىنمىغان جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە نىشانلىق تەدبىر قوللىنىپ، بىر تۈركۈم رايون خاراكتېرلىك، ساھە خاراكتېرلىك، سىستېمىلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە» ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسىلىلىرىنى جازالاش كېرەك. ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بايلىق ۋە كۈچنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە تېخىمۇ كۆپ توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ھەل قىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بايرامنى خۇشال- خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125