ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ نا) 6- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 4- قېتىم مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى، يىغىندا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ 1- باسقۇچلۇق خىزمەت ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، 2- باسقۇچلۇق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتتە يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، دالىلاردىكى نەق مەيداندا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشقا تېزدىن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. 2- باسقۇچلۇق نەق مەيداندا تەكشۈرۈش خىزمىتىدە قوغداشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوغداشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يىپ ئۇچىنى توپلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بويىچە يىپ ئۇچىنى رەتلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنى ئالدىن قوغداشنى كۈچەيتىپ، چوڭ قوغداش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ قاپلاش نىسبىتى، يېتىپ بېرىش نىسبىتى، سانلىق مەلۇماتنىڭ دەل جايىدا بولۇش نىسبىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش لايىھە- ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنىڭ ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت- بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن قوغداپ، بارلىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە تىزىملانغان ئوبيېكتلارنى مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىكەنلىكىنى بېكىتىشنى تاماملاشتىن بۇرۇن بىردەك چېقىشقا، كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ؛ بېكىتىلىپ ئېلان قىلىنغان يۆتكىگىلى بولمايدىغان بارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. تەشۋىقاتنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان، قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.