ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك
11:30:28 2024-06-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىن شىجيەن

 مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئاشكارا توپلاپ، سەلبىي دېلو مىساللىرىنى دائىملىق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تۈزەش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «قاتتىق چەكلىنىدۇ» «رۇخسەت قىلىنمايدۇ» قاتارلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىش...

 شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نىشانلىق داۋالاپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش روھى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچى بار بولدى.

 قانداق قىلغاندا ھازىرقى تەستە قولغا كەلگەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىگىلى، كېڭەيتكىلى بولىدۇ؟ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە «تۈرلۈك نازارەتچىلىك ۋاسىتىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش» مەخسۇس تىلغا ئېلىندى. بۇ ھەم ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنى، ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدىكى قوللانما.

 ئۆتكەنگە نەزەر سالساق، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش جەھەتتە بۆسۈش ئېغىزى تېپىپ چىقىپ، تۈرلۈك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىنى تۈرلۈك نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى ئېلىپ ئېيتساق، شىنجاڭدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نامۇۋاپىق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، نۆۋەتچىلىك قىلىش، «تۈگىمەس ھۆججەت، ئۈزۈلمەس يىغىن» يامراپ كېتىش، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىر يەرگە توپلىشىپ قېلىش، «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرنى «ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ»، «توختىماي قوغلاپ قاتتىق زەربە بېرىپ»، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچ بېغىشلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا كۈچلۈك «ياردەمچى» بولدى.

 شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جاھىل ئىللەت بولۇپ، جاھىل خاراكتېرگە ۋە تەكرارلىنىشچانلىققا ئىگە، بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. جەزمەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش، بولۇپمۇ ھەر تۈرلۈك نازارەتچىلىك ۋاسىتىلىرىنىڭ رولىنى داۋاملىق تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

 تەشكىلنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. رېئاللىقتا، بەزى جايلار قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش، ھەرقانداق ئىشنى كېچە ئاتلاتماي قىلىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، ھەر تۈرلۈك شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ نازارەت قىلىشتا «رولىنى يوقىتىشى» بىلەن زور مۇناسىۋىتى بار. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە مەدەنىيەت- مائارىپ ساھەلىرىدە، ھەر قايسى تەرەپلەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش جەھەتتە، تەشكىلىي نازارەتچىلىكنى جەزمەن كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە قارىتا تەربىيە بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تەربىيە بېرىپ، ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، سىياسىي نەتىجە قارىشى توغرا بولماسلىق، ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق قاتارلىق شەكىلۋازلىقتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

 ئىنتىزام تەكشۈرۈشنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»غا «خىزمەتتە قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش، ئىز قالدۇرۇشقا زىيادە بېرىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىش» قاتارلىق قىلمىشلارنى جازالاش بەلگىلىمىسى كۆپەيتىپ يېزىلىپ، شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇش پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەلىپىگە كۆتۈرۈلدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تارماقلىرى، نىزامنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەپ، خىزمەتنى ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، ساختىپەزلىك قىلىش، يۇقىرىنى ئالداپ، تۆۋەننىڭ كۆزىنى بوياش قاتارلىق قىلمىشلارنى كۈچەپ تۈزىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدىكى قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تۈزىتىش كېرەك.

 ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قىممەتلىك مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىشتە «يۈز- ئابرۇي قۇرۇلۇشى» «ئوبراز قۇرۇلۇشى» قىلىشقا ئىشلەتكەن- ئىشلەتمىگەنلىكى، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سانىنى كونترول قىلىش ۋە شەكىل، ئۇسۇل جەھەتتە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان- ئاشۇرمىغانلىقى، يىغىن ۋە ھۆججەتلەرنى ئازايتىش جەھەتتە ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلغان- قىلمىغانلىقى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان- بولمىغانلىقىنى، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش دېگەنلىك دەل ھەربىر ھېسابات، ھەربىر مەلۇمات جەدۋىلى، ھەربىر ھېسابات دەپتىرىدىن شەكىلۋازلىق قىلىدىغان «ئىنچىكە ھالقا»نى بايقاش دېگەنلىكتۇر.

 خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاپتور تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىكەنلىكى، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى پىششىق بىلىدىغانلىقى، ئويلىغانلىرىنى يوشۇرماي دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە ناھايىتى ياخشى ئوي- پىكىرى ۋە قاراشلىرى بارلىقىنى بايقىدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ نازارەت قىلىش يوللىرىنى جەزمەن راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەپ، بىرىنچى سەپنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، تەكلىپنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشنى پايدىلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاش كېرەك.

 ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كادىرلارنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرسەكلا، بىز چوقۇم ئىستىلنى ياخشىلاش ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125