«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
17:40:23 2024-06-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 12- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2017- يىلى 10- ئايدىن 2024- يىلى 3- ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى دەل مەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تەكىتلىگىنىمدەك، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆتتى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات «14- بەش يىل»، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ باش تېمىسى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. پۇختا ماددىي ئاساس، تېخنىكا ئاساسى بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ناھايىتى ياخشى قاندۇرالايدىغان تەرەققىيات، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلىدىغان تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، ماس بولۇش ئىچكى ئالاھىدىلىككە، يېشىل بولۇش ئومۇمىي ھالەتكە، ئوچۇق بولۇش مۇقەررەر يولغا، تەڭ بەھرىلىنىش تۈپ مەقسەتكە ئايلانغان تەرەققىيات. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات دەل «بار بولۇش- بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش- بولماسلىق»قا بۇرۇلۇشتىن ئىبارەت.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر يول. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتا. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىچكى تەلەپ ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى كېرەك.

 ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: بىز جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تەكشۈرۈپ باھالاش- باھا بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن سىجىل كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125