ئەركىن تۇنىياز قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
17:55:54 2024-06-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئەركىن تۇنىياز قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا «سۈرئەتنى تېزلىتىش»كېرەك

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، كارخانا، يېزا- كەنت، پورت، باغچە رايونى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشتە «ئالدىنقى قاتار دەرىجىسى»نى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا «سۈرئەتنى تېزلىتىش» كېرەك.

 شىنجاڭ كاگاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، تارىم نېفىتلىكى غەربىي جەنۇبىي تارىم تەبىئىي گاز بىر تەرەپ قىلىش باش زاۋۇتى قەشقەر شۆبە زاۋۇتىدا، ئەركىن تۇنىياز ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، تەبىئىي گاز بايلىقىنى چوڭ−قۇر پىششىقلاش ۋە ئۇنىڭدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

 ئەركىن تۇنىياز كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر بازىرىدىكى بىڭتاڭ توقاچ شاپتۇل بازىسى، قەشقەر جياڭنەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى، قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگوۋ بازىرى سىگۇڭ كەنتىگە كېلىپ، تېرىقچىلىق ۋە بازاردىكى سېتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۈستىقۇددۇس بازىسى ۋە خاس ئائىلىۋى مېھمانخانىلاردا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، داڭلىق ماركا يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە پائال بازار ئېچىپ، خاس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدىغان يېڭى بىر يولنى تېپىپ چىقىش؛ يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەمنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى سوغۇلۇق كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا، يازلىق يىغىم ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، ئەركىن تۇنىياز دېھقانلار، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكلىرى، كەنت كادىرلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھوسۇل يىغىش، توشۇش، زاپاس ساقلاش، سېتىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا چىڭ قادىلىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

 شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونى، قورغاس بۆلەك رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز چېگرادىن كىرىش- چىقىش، تاموژنا، باج قاتارلىق كۆزنەكلەردىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەم تىجارەتچىلەرنى زىيارەت قىلىپ، «تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ يۈرۈشۈشى ھەم ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت يادرولۇق ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، دادىل سىناق قىلىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ دېشېڭ پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، قورغاس ۋاڭيى بىرلەشمە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە كېلىپ، قورغاس ياڭبەنشى خەلقئارا قىممەت مېتال كەسىپلەر باغچىسى تۈرىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، يېڭى ماتېرىيال كەسپى، رەقەملىك ئىقتىساد، قىممەت مېتال كەسپى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، دىققەتنى ئۆز بايلىق ئەۋزەللىكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىلىك ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، سىياسەت، قانۇن، پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلاردىكى چەت ئەلگە ئالاقىدار مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم قىلىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈشنى ھەممىدىن مۇھىم ئىش قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ خاس بايلىقىغا تايىنىپ، خاس كەسىپلەر، دېھقانلارنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نەتىجىلىرىدىن كەڭ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «مىكرو چىرىكلىك»نى كۈچەپ تۈزەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125