ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى
17:59:46 2024-06-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ھەمدە ھامىدىن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىت، نەيىم ياسىن، جانابىل سىماغۇل، ئەسقەت كەرىمباي، قېيۇم باۋۇدۇن، جاڭ شيۇمىڭ، جۇ خەيلۇن، چېن دېمىن، فۇ چياڭ، خۇا شىفېي، غانىبات سابۇكەي، شيې فۇپىڭ، خەلچەم ئىسلام، جاڭ خېڭ، مىجىت ناسىر، قادىس جانابىل، ما جيەنگو، دەلىلقان مامىقان، مەمتىمىن زاكىر، ئاسانبېك تۇردى، دۇ چىنرۇي، جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، جاپپار ھەبىبۇللا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، چيەن جى، نىجات سۇلتان، ئىنام نەسىردىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، بادەي، ھۆرىگۈل جاپپار، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، لى شۆجۈن، دىيار قۇماش، فېڭ داجېن، ۋېن كېشياۋ، ۋۇ جياخې، ۋاڭ يوۋسەن، يۈسۈپ ئەيسا، شيې جىچياڭ، لى دۇڭخۇي، غوپۇر ئابدۇللا، جاڭ گۇيتىڭ، جاڭ يۈجۇڭ، پاشا ئىشان، ۋۇ دۇنفۇ، شيۇڭ خۇييىن، ياۋ يۇڭفېڭ، جياڭ شەن، جۇ جېنجۇڭ، مەمەتجان ئەمەت، ليۇ ياۋخۇا، قىزايجان سېيىلقوجا، كې لى، مەمەتھەسەن توختالى، ئايۇپ تېيىپ، ماۋكەن سېيىتقامزا، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، بەي جىجيې، ليۇ جىيۇڭ، رىزۋان ئەبەي، كادىرقان مىراسقان، لى شياڭلىن، ليۇ يەنلياڭ، يۈ شيۇدۇڭ، چېڭ جېنشەن، جاڭ بو، جۈرئەت ئىمىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، مەڭلىك سىيىت، ما شيۇڭچېڭ، ماغاۋ سېيىتقامزا، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، پېڭ جيارۇي، چيۇ شۇخۇا، ئىلھام سابىر، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، لى شۇجۈەن، جاڭ لىبو، جۇ جيەنفەن، خۇ جاۋجاڭ، تاڭ يۈنفۇ، ۋاڭ جيەنجېن، كاڭ كېجيەن، مەمتىمىن ئابدۇرېھىم، خۇا شى، جەي شياۋخېڭ، ۋاڭ چۇڭجيۇ، لۈ گاڭ، ۋاڭ جىلياڭ، سۇڭ جيەنيې، لۇ شياۋفېڭ، ليۇ شياڭسۇڭ، چېڭ جياجۇ، شۈ ۋېيخۇا، لى شىنمىڭ، سۇڭ خاۋ، ئابلىز نىياز، گو يۇڭخۇي، قۇربان روزى، روزى ئىسمائىل، باھارگۈل سەمەت، مەمەت يۈسۈپ، قاسىم مامۇت، نىشان ئىبراھىم، چېن جىنچى، جاۋ شياڭۋا، يەن فېنشىن، لى گۇيماۋ، ياڭ جاۋجى، گو ليەنشەن، پۇ شىيۈ، جاڭ جىشۈن، خۇاڭ سەنپىڭ، قۇرماش سىرجان، يەن گوسەن، لى جيەنگو قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلار ۋە ۋاپات بولغان قىسمەن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ يەسىرەلىرى، ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ياكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوقلاش، ھال سوراشنى ھاۋالە قىلدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ رەھبەرلىرى ھەربىي رايوندىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

 يوقلاش داۋامىدا، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار پېشقەدەم يولداشلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى، ئۇلارغا بايراملىق سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى، تېنىنىڭ ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار پېشقەدەم يولداشلارغا ئۆتكەن بىر يىلدىكى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭغا بىۋاسىتە كېلىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، سىجىل تۈردە تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدى. ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، ئەۋزەللىكىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، كۆپرەك قىممەتلىك پىكىرلەرنى بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن داۋاملىق ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 پېشقەدەم يولداشلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، شىنجاڭ بىر يىلدىن بۇيان تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يۈكسەك ئالقىشلىدى ھەم چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلدى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك بولدى، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە گۈللەپ ياشنىغان جۇشقۇن كەيپىيات نامايان بولدى، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىڭ كۆزلەپ، رولىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125