ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى
18:06:49 2024-06-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

سۈرئەت، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بالدۇرراق پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن زامانىۋىلاشقان، خەلقئارالاشقان ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىش كېرەك

6- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ئۈرۈمچى ئايروپورتى 4T ئاۋىياتسىيە بىناسىدا ئايروپورتنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى پىلانىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلاردىن تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.  ئانار بۇلۇت  \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6- ئاينىڭ 15- كۈنى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى، قۇرۇلۇشنىڭ قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك پۈتۈپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى، بالدۇرراق ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشى، پۈتۈن كۈچ بىلەن زامانىۋىلاشقان، خەلقئارالاشقان ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

 ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى 2019- يىلى 10- ئايدا باشلانغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ «13- بەش يىل» «14- بەش يىل»دىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى «بىر پورت، بەش مەركەز» قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇلۇشتا 2 -، 3- ئۇچۇش يولىنى ياساش، يېڭىدىن 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان 4T ئاۋىياتسىيە بىناسى ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى، بېكەت سۇپىسى قۇرۇش ھەمدە يۈرۈشلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش پىلانلاندى. نۆۋەتتە، ئاۋىياتسىيە بىناسى تۈرى بېزەشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئۈسكۈنە- ئەسلىھەلەرنى بىرلىشىپ تەڭشەش، بىرلىشىپ سىناق قىلىش باسقۇچىغا كىردى، مەيدان ئىچىدىكى شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى ۋە يۈرۈشلەشكەن تۈرلەر ئومۇمىي قۇرۇلۇش بىلەن تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلماقتا. مۆلچەرلىنىشىچە، قۇرۇلۇش كېلەر يىلى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

 «تىيانشان» «يىپەك يولى» قاتارلىق ئامىللار يۇغۇرۇلغان 4T ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ شەكلى نەپىس، كۆركەم ھەم ئازادە بولۇپ، بىنا ئىچىنى بېزەش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاۋىياتسىيە بىناسىغا كىرىپ، ئايروپورتنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى پىلانىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلاردىن تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا بەرپا قىلىش قاتارلىق خىزمەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئاچقۇچلۇق تىرەكلىك رولغا ئىگە. ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەرلىك ۋە سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قۇرۇلۇش، بېزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى باشلامچى بولۇپ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەڭشەش، قوماندانلىق قىلىش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاش- ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، قۇرۇلۇشنى بالدۇرراق ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇشى كېرەك.

 ئاۋىياتسىيە بىناسى ئىچىدە، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يولغا چىقىش زالى، ئوتتۇرا كارىدور، يۈك- تاق ئېلىش زالى، قاتناش مەركىزى قاتارلىق رايونلارنى ئايلىنىپ كۆردى ھەم ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسى ۋە ئۇچۇش رايونىدىكى سىيرىلىپ ئۇچۇش يولى، ئۇچۇش يولى قاتارلىق قۇرۇلۇش رايونلىرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ۋە سۈپىتىنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈردى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: بىخەتەرلىك خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ جان تومۇرى. سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، بىخەتەرلىكنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش پۈتۈن جەريانى، پۈتۈن دەۋرىيلىكى، پۈتۈن زەنجىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سۈپەتنى باھالاش ۋە ياخشىلاش، ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ بىخەتەر قۇرۇلۇش، ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش، پاك قۇرۇلۇش بەرپا قىلىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، نىشان- پىلاننى چىڭ كۆزلەپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ قۇرۇلۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش قىلىشقا قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، قاتناش، دۆلەت مۈلكى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللاش، ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى چىڭ كۆزلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پايدىلىق قۇرۇلۇش مەزگىلىنى تۇتۇپ، تۈگۈننى چىڭ كۆزلەپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىپ، قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنى تورلاشتۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئايرودۇرۇم بىلەن تاشيول، مېترو قاتارلىق قاتناش شەكىللىرىنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ئىچى ۋە سىرتقا تۇتىشىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق قاتناش تورى بەرپا قىلىش كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى بىلەن ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى، شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىيات يىرىك پىلانى قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پورت، كەسىپ، شەھەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسىتىش، دۇنيانى تۇتاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچى ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك موتور بەرپا قىلىش كېرەك. تۆۋەن چەك، قىزىل سىزىقنى چىڭ ساقلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتى تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تېخنىكا قائىدىسى، ئۆلچىمى، بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پاكلىق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان خاتىرجەم قۇرۇلۇش بەرپا قىلىش كېرەك.

 ئارقىدىن، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھىغا كېلىپ، ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۈرۈشۈش ۋە باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆردى، كارخانىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى، بولۇپمۇ ھاۋا مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي مۇستەھكەم ساقلاپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەشنى تاپىلىدى.

 تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، ۋاڭ گاڭ، جۇ لىفەن، جىن جىجېن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125