ما شىڭرۇي پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قۇربان ھېيتنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى
17:51:00 2024-06-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ۋە ئىلغار نەمۇنىچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قۇربان ھېيتنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى

خې جۇڭيوۋ يوقلاش ۋە ھال سوراشقا قاتناشتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام مەھەللىلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، زىيارەت قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سەمىمىي يوقلىدى، ئىلغار نەمۇنىچىلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەك تىلىدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يوقلاش ۋە ھال سوراشقا قاتناشتى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يەنئەن يولى كوچا باشقارمىسىدىكى چېنگۇاڭ مەھەللىسى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چوڭ ئائىلە بولۇپ، 5500دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما بۇ يەردە ئىناق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ما شىڭرۇي مەھەللە تۇرۇشلۇق چېنگۇاڭ گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى.

 قۇربان ھېيت كېلەي دەپ قالدى، مەن كۆپچىلىكنى يوقلاپ كەلدىم، بايرامنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشىڭلارنى تىلەيمەن! ما شىڭرۇي مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى- ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە كۆپچىلىكنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم كۆزنەكتىكى خىزمەتچى خادىملار، مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. مەھەللىنىڭ خىزمەت مىقدارى كۆپمۇ؟ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە قارىتا قانداق ئەمەلىي تەسىراتىڭلار بار؟ ئاممىنىڭ ئەڭ مەركەزلەشكەن ئېھتىياجى نېمە؟ ما شىڭرۇي كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، مەھەللىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە كادىرلار تەمىناتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: مەھەللە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەڭ يادروسى ھەر مىللەت ئاھالىلىرىگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ياخشى ھەل قىلىش. كۆپچىلىك ئاممىنى باشتىن- ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى بېجىرىپ،ھەقىقىي تۈردە خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

 مەھەللە ئىدارە قىلىشنىڭ ياخشى بولۇش- بولماسلىقىدا ئاچقۇچ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىدا. ما شىڭرۇي مەھەللىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەت ئۇسۇللىرى ۋە نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، چىگىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ نېگىزلىك خىزمەتنى مەھكەم تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، كۈچلۈك قۇرۇپ، مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ مەھەللە خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەھەللە كادىرلار قوشۇنىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تەقسىملەپ، كەنت(مەھەللە)تە تۇرۇش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەھەللە خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تەمىناتى قاتارلىق تۈرلۈك كاپالەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ما شىڭرۇي كۆپچىلىكنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى ھەممىدىن مۇھىم ئىش قىلىپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشقا سىجىل كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

 ئارقىدىن، ما شىڭرۇي تىيانشان رايونىدىكى لىجىڭ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس قەيسەر مەمتىمىننى يوقلىدى. ما شىڭرۇي بىر ئائىلە كىشىلىرىگە بايراملىق بەخت تىلىدى، ئۇلار بىلەن سىردىشىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى. پاراڭلىشىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي قەيسەر مەمتىمىندىن ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ئۈرۈمچى شۆبە شۆيۈەنىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدا دىنلارنىڭ رايىشلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئېجىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناشنى تاپىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەڭ زور دەرىجىدە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ توپلاپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

 ما شىڭرۇي يوقلاش، ھال سوراش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ بايرام مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت كۈچىنىڭ بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن يار- يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى، غەم- ئەندىشىنى تۈگىتىشنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ياقىدىغان خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بايراملىق بازار تەمىناتى، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەت تەلىپىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىنىڭ تىنچ- ئىناق بولۇشى، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ مۇقىم، ياخشى بولۇشى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خۇشال- خۇرام، ئېجىل- ئىناق ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن يوقلاش ۋە ھال سوراشقا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125