شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى جەزمەن تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ
17:50:45 2024-06-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ: تەسىرات ۋە ئۈمىد» سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى جەزمەن تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ

ما شىڭرۇي قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، پەن يۆ رىياسەتچىلىك قىلدى

6- ئاينىڭ 16- كۈنى، «ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ: تەسىرات ۋە ئۈمىد» سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭ داشۆدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 6- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن، «ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ: تەسىرات ۋە ئۈمىد» سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭ داشۆدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس- ئالىملار شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسىنى چۆرىدەپ، كۆرگەنلىرى ۋە ئويلىغانلىرى توغرىسىدا بەھۇزۇر سۆزلىشىپ، كۆز قارىشى ۋە پىكىرلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، گۈزەل ئىستىقبالغا نەزەر سالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر پەن يۆ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى يېقىندا قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» خەلقئارا مۇنبىرى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى. يىغىندا، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، پائال سۆز قىلدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى.

 ئاۋسترالىيە گرىففىز داشۆسىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى ماكىلىن، ئامېرىكا يالې داشۆسى ئورمانچىلىق ۋە مۇھىت تەتقىقات شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جون گىرېم، شياڭگاڭ پەن- تېخنىكا داشۆسى ئىجتىمائىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ شەرەپ بىلەن پېنسىيەگە چىققان پىروفېسسورى شا بولى، ئامېرىكىلىق خەنشۇناس شى خەنۋېن، جۇڭگو سانائەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى خەلقئارا كومىتېتىنىڭ رەئىسى كې ماكەي جۇڭگو شىنجاڭدا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرما تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئورتاقلىشىپ، شىنجاڭ توغرىسىدىكى ئويلىنىشى ۋە قارىشىنى كۆپ نۇقتىدىن بايان قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئۇزاق تەرەققىيات ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشقا قاتناشتى ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدى، يىپەك يولىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكى تارىخىغا ئۆزگىچە تۆھپە قوشتى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەردە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پارلاق، جانلىق، كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيەت جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ۋە سىغدۇرۇشچان ئىكەنلىكىنى، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭ ھەرگىزمۇ بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ساختا بايانىدىكىدەك ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى. چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر يەنە شىنجاڭنىڭ خەلقئارا تارقىتىشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. بېيجىڭ داشۆ تارىخشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى زەن تاۋ بىلەن جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ۋېن تيېجۈن غەربىي شىمال رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، خىزمەت تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: مۇتەخەسسىس- ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغان توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنچىنىڭ بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە كۆپ ياردىمى بار، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس- ئالىملارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت. ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت، مىللەت، دىن، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىشتا ئۆزگىچە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ۋە مۇھىم قىممەتكە ئىگە. شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى، شەرق- غەربنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىدىكى مۇھىم يول، جۇڭگودىكى كۆپ مىللەت ئورتاق ياشايدىغان ماكان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، تېخىمۇ مۇھىمى ئېكولوگىيە بايلىقى يۇقىرى دەرىجىدە توپلانغان گۈزەل ماكان. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئۆزى يول كۆرسىتىپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى. ھازىر شىنجاڭ تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، كەلگۈسىدىن ئۈمىد زور، ئىستىقبالى جەزمەن تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ. ھەرقايسى مۇتەخەسسىس- ئالىملارنىڭ دائىم جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، زىيارەتتە بولۇشىنى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىمىز، كەڭ سۇپا ھازىرلاپ بېرىمىز.

 پەن يۆ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» خەلقئارا مۇنبىرى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت سەپىرى، گۈزەل شىنجاڭنى بايقاش سەپىرى، تېخىمۇ مۇھىمى ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان جۇڭگو- چەت ئەل دوستلۇق سەپىرى. كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيلىك يۇغۇرۇلۇپ توپلاشقان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى مەدەنىيلىك سۆھبىتى ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئارازلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكنى ھۆرمەتلەش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئەۋزەللىك تۇيغۇسىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى توقۇنۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈشتەك ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات پىرىنسىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزاھلاپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېخىمۇ كۆپ ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى داۋاملىق تۈردە شىنجاڭنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك خەلقئارا ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

 ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، مۇقىيات جارمۇقامەت، قەيسەر ئابدۇكېرىم، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس- ئالىملار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125