يېشىللىقنى كۆپەيتىپ قۇمنى تىزگىنلەشكە ئىرادە باغلاش
12:01:00 2024-06-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېشىللىقنى كۆپەيتىپ قۇمنى تىزگىنلەشكە ئىرادە باغلاش
جاڭ بېي
 تېمىتىپ سۇغىرىشنى تەكشۈرۈش، ئوت- چۆپ كاتەكچىسى ياساش، كۆچەت تولۇقلاش... بۇ بىر قۇم تىزگىنلەش خادىمىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن كۈندە قىلىدىغان خىزمىتى. بۈگۈنكىدەك دۇنيا چۆللىشىش ۋە قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش كۈنىدە، ئۇلارنىڭ خىزمەت مەزمۇنى بەلكىم ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىز بۇنى ۋاقىت ئۆلچىمى قىلىپ ئەسلىسەك، دەل مۇشۇ مۇرەككەپ، ئىنچىكە، كىچىك ھالقىلاردىكى «يېشىللىقنى كۆپەيتىش» ھەرىكىتى يىلدىن- يىلغا كېڭىيىۋاتقان «يېشىللىق خەرىتىسى»نى بارلىققا كەلتۈردى، شۇنداقلا بىزنىڭ ھەربىر سۇڭ يەرنى قولدىن بەرمەي، سېرىق قۇمغا توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، گۈزەل ماكاننى قوغداش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
 شىنجاڭدا چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئاساسىي ئېھتىياجىغا مۇناسىۋەتلىك. ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەش جېڭىدە، ئىستراتېگىيە جەھەتتە، شىنجاڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى باشتىن- ئاخىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، بېيىشنى كۆزلەشتىن ئىبارەت تۈپ زور پىلان سۈپىتىدە ئالغا سىلجىتىپ، يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك روھنى جارى قىلدۇرۇپ، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشتەك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئارقىلىق قۇرغاقچىلىققا، سۇ كەمچىل بولۇشقا، قۇم- بورانغا قارشى كۈرەش قىلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەپ، كۈچەپ كۆكياردىكى قەدىمىي چۆللۈكنى يېشىللىققا پۈركەنگەن «يېشىل سەددىچىن سېپىلى»غا ئايلاندۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ بوستانلىقلارغا سوزۇلغان «قولى»نى توسۇپ قالدى؛ تەدبىر جەھەتتە، شىنجاڭ ئىلمىي، سىستېمىلىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، سۇغا ئاساسەن كۆكەرتىش كۆلىمىنى بېكىتىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئورمان، ئوت- چۆپ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرى ۋە زىچلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، «دائىرىلەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بىنا قىلىش»نى تەڭ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى ۋە كېڭەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «يېشىللىقنى گۈللەندۈرۈش» بىلەن «خەلقنى بېيىتىش»نى تەڭ تۇتۇپ، ئورمان ئارقىلىق ئورماننى بېقىش، ئېكولوگىيە كەسپى ئارقىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى بېقىشتىن ئىبارەت قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىقچىلىقى، قۇملۇق ئالاھىدە ساياھىتى قاتارلىق «قۇملۇق كەسپى»نى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى «قۇمنى چېكىندۈرۈپ، ئادەم ئىلگىرىلەش» جەريانىدا «مۇھىت گۈزەل، ھەميېنى تومپايغان» ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.
 40 نەچچە يىللىق جۇغلانغان تەجرىبىمىزدىن قارىغاندا، تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن يېشىل قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغىدا ئەڭ ئاخىرقى 285 كىلومېتىر دائىرە تولۇقلانسىلا، پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. قۇم- بوراننىڭ زىيىنى ئەڭ چوڭ، تەبىئىي شارائىتى ئەڭ ناچار بولغان بۇ «يوچۇق»قا بىۋاسىتە يۈزلەنگىنىمىزدە، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى چىدامچانلىقىمىز ۋە جاسارىتىمىزنى ئۇرغۇتۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرى ئەقىل- پاراسىتى ۋە قان- تەرى بەدىلىگە توقۇلغان «يېشىل لېنتا» ئارقىلىق جەزمەن «قۇم دېڭىزى»نى تىزگىنلەپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسى قوشىدۇ.
 («سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125