شېئىرىي ھېسسىياتقا تويۇنغان رەسىملەردە تەسۋىرلەنگەن شىنجاڭلىقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى
مۇھەررىردىن
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت رەسساملار خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى، كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى بىلەن، كىچىك نۇقتا ئارقىلىق چوڭ باش تېمىنى ئىپادىلەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، روشەن دەۋر روھىنى گۈزەل تۇرمۇشنى تەسۋىرلەشكە، دۆلەت مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشكە سىڭدۈردى، بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى.
شىنجاڭنىڭ سەھنە سەنئىتىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقى نامايان قىلىنغان «كۈتۈش مەيدانى»نى كۆرۈپ بېقىڭ؛ رەسىمدىكى كىشىلەرنىڭ مۇلايىملىق بىلەن ئەركىن - ئازادە ئولتۇرۇپ ئىچىۋاتقان «تەملىك چاي»ىنى تېتىپ بېقىڭ؛ شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىنى كۈيلەۋاتقان «جاڭغىر مەدھىيەسى − ۋارىسلىق قىلىش»نى ئاڭلاپ بېقىڭ؛ مول ۋە رەڭدار زامانىۋى مەدەنىيلىك نەتىجىلىرى تولۇق نامايان قىلىنغان «گۈلىنىڭ يېڭى تۇرمۇشى»نى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ...
بۇ سان «غەربىي يۇرت مەنزىرىلىرى»گە بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر تاللاپ بېرىلدى، بىز سىز بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭلىق رەسساملار دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان، بەختلىك تۇرمۇشنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان مول نەتىجىلەردىن ھۇزۇرلىنىمىز.
تەملىك چاي ليۇ جيەنشىن
جاڭغىر مەدھىيەسى − ۋارىسلىق قىلىش مېڭكېبايىر
ئانار گۈلى ئېچىلدى جياڭ بېي
يازلىق كۈن- تۈن توختاش مەزگىلىدىكى شياۋفېنزى رەسساملار كەنتى كۇاڭ يۈ
كۈتۈش مەيدانى سەي بىڭچاۋ
ئات ئۈستى تەنتەربىيەسى جەمگاھى چېن ۋېنجىن
گۈلىنىڭ يېڭى تۇرمۇشى شى شياۋلى
تاجىك كەشتىچىلىكى سۈن شىنخەي
گۈلدەك ياشلىق ما شياۋچىن
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)