گاۋۋا
كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدا، ئالتۇن رەڭلىك بۇغدايلار دولقۇنلىنىپ تۇراتتى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئايباغ بازىرى بەخت كەنتىدە بۇغدايغا «تۇنجى ئورغاق» سېلىندى؛ ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەر جەم بولۇشتى، قوشنىلار بىر- بىرىنى تەكلىپ قىلىشتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى يۆجىنگەي كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىدە 100 ئائىلىلىك زىياپەت قىزغىن باشلاندى؛ يېرىمى قار- مۇز بىلەن تولغان، يېرىمىدا گۈل- گىياھلار ئېچىلغان مايتاغ- كۇچا تاشيولىدا، سۆيۈملۈك جەنۇبلۇق ساياھەتچىلەر «قار تام»نى چوقۇپ، «شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى»نى ئېلىپ قايتماقچى بولۇشتى... قۇربان ھېيت يازلىق يىغىم مەزگىلى، ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىگە توغرا كەلدى، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە بەخت مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.
بايرام كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى بىر كۆزنەك، لېكىن ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، جەم بولۇش، ساياھەت قىلىش پەقەت بايرامدىلا بولىدىغان «مۇراسىم» بولماستىن، بەلكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن بەختنىڭ ھەقىقىي لەززىتى.
تۇرمۇشنىڭ قانچىكى ئادەتتىكى پەيتلىرىدە، كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى شۇنچە چەككىلى، شۇنداقلا كىشىلەرگە قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بەختلىك شىنجاڭنى شۇنچە ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بىنانىڭ ئاستىدىكى كىچىك باغچىدا بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكە ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەيتتى؛ كوچا ئېغىزىدىكى ياشانغانلار ئاشخانىسىدا ياشانغانلار بەختلىك پەيتلەردىن بەھرىمەن بولۇۋاتاتتى؛ ئىلگىرىكى «قۇملۇق» كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى كەسىپ بوستانلىقىغا ئايلاندى...
خۇشاللىق، ئىناقلىق بەختلىك تۇرمۇشنىڭ كارتىنىسى. بىز ئادەتتىكى كۈنلەردە گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىمىز، شۇنداقلا گۈزەل تۇرمۇشتىن بەختنىڭ مەنبەسىنى ھېس قىلىمىز. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغاچقا، ۋەتىنىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمى بولغاچقا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشى بولغاچقا، مۇشۇنداق خۇشال، ئىناق بايرام، مۇشۇنداق كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، بەختكە تولغان گۈزەل شىنجاڭ بارلىققا كەلدى.
(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)