گۈزەل پەيتلەردە بىز بىللە
11:55:27 2024-06-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

6- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئاھالىلەر ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى بىر سودا سارايدا مال سېتىۋالماقتا. قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بۇ ناھىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلىرى، تاللا بازارلىرىدا بايراملىق تاۋارلار بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇپ، سېتىۋېلىش- سېتىش تەڭ جانلاندى. ۋەلى قېيۇم فوتوسى

6- ئاينىڭ 16- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى قومۇل شەھەرلىك مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

6- ئاينىڭ 17- كۈنى، كۇچا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تارىم بازىرى لاڭقا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، قۇربان ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزدى. يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

6- ئاينىڭ 16- كۈنى، ساۋەن شەھىرىنىڭ شۇشياڭ كوچا باشقارمىسى كونا ساۋەن يولى مەھەللىسى «مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلىشىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» قوشنىلار بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ھەر مىللەت ئامما خۇشال- خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، ساڭزا سېلىپ، مۇڭدىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى. ئارزىگۈل قايرات فوتوسى

6- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئاھالىلەر بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئۆتەڭ كەنتى يېزا ئىگىلىك كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا شوخلىچاق ئۈزمەكتە. قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئاھالە يېزا- كەنتلەرگە بېرىشنى تاللاپ، سەھرا تۇرمۇشىنى ھېس قىلدى. لى شىنفاڭ فوتوسى

6- ئاينىڭ 17- كۈنى، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ خەلق مەيدانىدا، ھەر مىللەت ئامما بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. سۇ شىن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى جىشېن

 قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىز خۇشال- خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، شاد- خۇراملىق ئىچىدە ئىناقلىققا تولغان پەيتلەرنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدۇق.

 بايرام كۈنلىرىدە، كىشىلەر شادىيانە ئۇسسۇل ئويناپ، شاد- خۇراملىققا تولغان ئىناق كەيپىياتنى ھېس قىلدى، بىر- بىرىنىڭ خۇشاللىقى ۋە بەخت تىلەشلىرىدىن بىرلىكتە بەھرىلەندى. كىشىلەر قول تۇتۇشۇپ ئىناقلىق- ئىتتىپاقلىق كۈچى ئارقىلىق، گۈللەنگەن، ئىناق، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قوغدىدى. شاد- خۇراملىق ئىچىدە يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بىرلىكتە كەلگۈسى ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرمەكتە.

 بىر ئېغىز بەخت تىلەش، بىر ئېغىز تىلەك تىلەش قويۇق بايراملىق خۇشال كەيپىياتنى ھەربىر باسقۇچتىكى بايرام پەيتلىرىگە سىڭدۈردى. ئىللىق كەيپىياتقا چۆمگەن چوڭ ئائىلىدە ھەربىر بايرامدا بىز ئىزچىل بىللە.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125