شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ ​ ئاپەت ئەھۋالىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى
19:46:04 2024-06-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى مەزگىلدە، جەنۇبتىكى نۇرغۇن جايدا ئۇدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردا كەلكۈن ۋە گېئوئاپەت يۈزبېرىپ، ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋە مال- مۈلۈك زىيانغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شىمالدىكى قىسمەن رايونلاردا قۇرغاقچىلىق تېز يامراپ، جەنۇبتا ھۆلچىلىك، شىمالدا قۇرغاقچىلىق بولۇش ئالاھىدىلىكى روشەن بولدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئاپەت ئەھۋالىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك چارە- ئاماللار بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلار، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەپ، قۇتقۇزۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەۋپ- خەتەر ئېڭى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاپەتنى كۆزىتىش- ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، جابدۇق، ماددىي ئەشيالارنى تولۇق تەييارلاپ، خىزمەت لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرگە كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125