ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش
20:21:06 2024-06-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

−جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

 جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرماقتا.

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

 يېڭى مۇساپىدە، ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

 جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىجادىي ھۆكۈم يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى

 ياز كۈنلىرىدىكى شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل. ھەر مىللەت خەلق بۇ بىپايان تۇپراقتا بىللە ئولتۇراقلىشىپ، بىللە ئۆگىنىدۇ، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىدۇ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئاچىدۇ.

 2014- يىلى 4- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ مېھىرلىك تۇپراققا كېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازار قەشقەردىن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگىچە، يېزا- كەنت، كارخانا، قىسىم، مەكتەپ قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، سەپەر كۈنتەرتىپى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

 شۇ يىلى 5- ئايدا، 2- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، بۇ قېتىمقى مۇھىم يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن ئېچىلغان مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا « جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇش»نى تەكىتلىدى.

 شۇنىڭدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىجادىي ھۆكۈمنى كۆپ قېتىم بايان قىلدى−

 2017- يىلى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك»؛

 2019- يىلى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا «تۆت ئورتاق»تىن ئىبارەت جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى؛

 2021- يىلى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ «تۇتقا»سى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، «بارلىق خىزمەتلەر بۇ نۇقتىغا مەركەزلىشىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛

 2023- يىلى، ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ۋە شىنجاڭدا خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى»؛

 ...

 دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىن تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغىچە، غەربىي جەنۇبتىكى تاغلىق كەنتلەردىن سەيبېيدىكى يايلاقلارغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر مىللەت ئامما بىلەن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، مىللەتلەر رايونىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كىشىلەر قەلبىدىن كۈنسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

 ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ شەھىرى خېنەن كوچىسى مائەنشەن كەنتىدە، تۆت ئەۋلاد بىرگە ياشايدىغان «كۆپ مىللەتلىك ئائىلە»گە كىرىپ، «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى؛ نىڭشيادا، «جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئۇلۇغ مىللەت» دەپ كۆرسەتتى؛ گۇيجوۋدا «جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلە، 56 مىللەت 56 گۈل» دەپ تەكىتلىدى؛ شىزاڭدا، «بىز − جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى، جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئاتلىنىشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتتى...

 جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات- ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇش.

 2023- يىلى 10- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 9- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش −− پارتىيەمىزنىڭ <ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش>تە چىڭ تۇرۇپ، <ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت>نى كۆزلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللەتلەر خىزمىتىدىكى تەجرىبە- ساۋاقلارنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت نەتىجىسى».

 ئىدىيە مەشئىلى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىنى يورۇتتى.

 جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىجادىي ھۆكۈم ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

 جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۇل خاراكتېرلىك ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك».

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مىللەتلەر رايونلىرى كۈنسېرى يېڭى تۈسكە كىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.

 دىققەت ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى−

 G5 سىگنالى پۈتۈن يېزىنى قاپلىدى، خاس كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى... يۈننەن گۇڭشەن دۇلۇڭزۇ نۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دۇلۇڭجياڭ يېزىسىغا بارسىڭىز، «بىر قەدەمدە مىڭ يىللىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغان» دۇلۇڭزۇ ئاممىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويغانلىقىنى كۆرىسىز. دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

 كۆپ خىل تەدبىر تەڭ قوللىنىلىپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئامما شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى ئاچتى، بەختلىك تۇرمۇش كۈندىن- كۈنگە يۈكسەلدى.

 قول تۇتۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدا يېڭى كەيپىيات نامايان قىلىندى−

 مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى دەپ نام بېرىلگەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرى يىنجوۋ رايونى پەنخو كوچىسىدا كۆپ مىللەتتىن بولغان ئاھالىلەر ياشايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كوچا باشقارمىسى كۆچمە نوپۇسلارغا مۇلازىمەت قىلىش- باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىزىل ئانار پىدائىيلار مۇلازىمەت سېپىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇش ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش كۆرۈنۈشىنى جانلىق نامايان قىلدى.

 قوشنىلار بايرىمىدىكى 100 ئائىلىلىك زىياپەتتە، بىر ئۈستەلدىكى تاماقنى بىللە يەپ، مىللەتلەر مۇھەببىتىنى بىرلىكتە ھېس قىلىشتىن «كەنت AB» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋاسىتە بەرپا قىلىشقىچە، ھەرقايسى جايلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، «ئۆزئارا سىڭىشىش، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇش» ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەممە جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

 خەلق تۇرمۇشى ئاساس قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى يېڭى ھالقىشنى كۈتۈۋالدى−

 ئاسفالت يولدا مېڭىش، تۇرۇبا سۈيى ئىچىش، ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇش... يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

 قارلىق ئېگىزلىكتە، «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ كۆككە تاقاشقان لىنىيەسى» بىخەتەر، ئىشەنچلىك «نۇر تورلىرى» «خەلق تۇرمۇشى تورلىرى»نى بەرپا قىلدى؛ خېيلۇڭجياڭ داشىڭئەنلىڭدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات مەبلىغى شۇ جاينىڭ يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى؛ ئىچكى موڭغۇل يايلىقىدا، ئۇلانمۇچىر ھەر مىللەت ئاممىغا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى يەتكۈزدى... تۈرلۈك خەلق رايى قۇرۇلۇشلىرى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى ئەمەلىي ئىشلار ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزدى.

 كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلىشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى−

 بېيجىڭ غەربىي چاڭئەن كوچىسىدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمكى ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلدى. كۆرگەزمە زالىدا مىس دۇمباق، كۇڭخوۋ، ئات باشلىق غېجەكتىن تارالغان مىڭ يىللىق ئەكس سادا ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز گۈزەللىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلاشقان تۈرلۈك- تۈمەن يېڭى قىياپىتىنى مۇجەسسەملىدى.

 تارىختىن كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ئەنئەنىۋىلىكتىن زامانىۋىلىققا يۈزلىنىش، كۆپ مەنبەدىن بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشقىچە، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش باشتىن- ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى بولۇپ كەلدى.

 مەدەنىيەت ئارقىلىق رىشتە باغلاپ، سەنئەت ئارقىلىق دوستلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى تېخىمۇ ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك قۇرۇپ چىقىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

 جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيە زىچ چۆرىدىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلدى

 «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلارنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى.

 جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىنىپ، مىللەتلەر رايونىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىنىپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار يۆگىمە رەسىمى ئاستا- ئاستا يېيىلدى.

 يېڭى مۇساپىدە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بېيىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئورتاق يارىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك−

 ئوتتۇرا ياز مەزگىلىدە، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خەيدۇڭ شەھىرى خۇجۇ تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ماجى كەنتىدىكى يوۋزۈيۋەن ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى مەنزىرە رايونى قىزىپ كەتتى، ئۆزگىچە، خاس يېزا- قىشلاق مەنزىرىسى بىلەن يەرلىك مەدەنىيەت بىرلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ داكا قىلىپ ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەنتنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى.

 جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ ئورتاق يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، بىر مىللەتنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.

 تەرەققىيات مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى باش ئاچقۇچ، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى.

 كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلققە ئورتاق بېيىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

 يېڭى مۇساپىدە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىش كېرەك−

 يېقىندا، دىققەت «فۇجيەن- نىڭشيا ھەمكارلىقى، تاغلىق رايون بىلەن دېڭىز بويى رايونىغا بولغان مۇھەببەت»كە مەركەزلەشتۈرۈلگەن جۇڭخۇا مىللىتى مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش تۈرى بېيجىڭ شىدەن سودا چەمبىرىكىدىكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ھېس قىلىش سارىيىدا نامايان بولدى. كىشىلەر بۇ ساراينى ئايلانسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن سالاپىتى ۋە جاسارىتىنى چۈشىنەلەيدۇ.

 جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى ۋە نېگىزى مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پائال يېتىلدۈرۈشتە.

 «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈلۈپ، ياش ئوقۇغۇچىلار توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەندى؛ قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش قۇرۇلۇشى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

 يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئورتاق قىممەتنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن پۇختا مەنىۋى ۋە مەدەنىيەت ئاساسى سېلىش كېرەك.

 يېڭى مۇساپىدە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك−

 جۇڭخۇا مىللىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى داۋامىدا بارلىققا كەلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىمۇ مۇقەررەركى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى داۋامىدا ئىشقا ئاشىدۇ.

 «ھەر مىللەت ئامما ئىناق يۇغۇرۇلۇپ ئولتۇراقلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، چېگرانى ساقلاپ، ۋەتەننى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى...» 2023- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 10- تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىغا ۋىۋىسكا بېرىش پائالىيىتىدە، گۇاڭشى جيەنفېڭلىڭ دۆلەت مۇداپىئە خەلق ئەسكەرلىرى قاراۋۇلخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لۇ لەنجۈن قاتارلىق «جۇڭگو چېگرا قوغدىغۇچىلىرى»نىڭ ھېكايىلىرى جانلىق بايان قىلىنىپ، كىشىنى تەسىرلەندۈردى.

 جۇڭگو تارىخى دەل ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇپ- توپلىشىپ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتىنى شەكىللەندۈرۈش تارىخى، دەل ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، تەرەققىي قىلدۇرغان، مۇستەھكەملەپ بىرلىككە كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تارىخى.

 كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسى مۇقەررەركى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانى، مۇقەررەركى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش جەريانى بولىدۇ.

 جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتە شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش جەزمەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

 (مۇخبىرلار ۋاڭ چى، فەن سىشياڭ، ۋاڭ مىڭيۈ)

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 6- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125