دەي لى
بۇ تەرەپتە ساياھەتچىلەر مىغ- مىغ ئىدى، ئۇ تەرەپتە قوشنىلار قاينام- تاشقىنلىق ئىچىدە خۇشال- خۇرام جەم بولغانىدى، پەقەت بىر تام بىلەنلا ئايرىلىپ تۇرىدىغان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، ئىككى كۆرۈنۈش بىرلا ۋاقىتتا نامايان بولۇپ، خۇددى بىر پارچە تەسىرلىك يۆگىمە رەسىمگە ئوخشاش شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتى گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاق، ئىناق بولغان تۈرلۈك- تۈمەن قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا بېرىپ باققان ھەربىر كىشى چىن قەلبىدىن: شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى ھەقىقەتەن جانلىنىپتۇ، دەپ خۇرسەن بولىدۇ. ھالبۇكى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولغىنى دەل جاي- جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئىنتىلىشى، شىنجاڭغا كېلىپ ئارزۇدىكىدەك جاينى ئىزدەش قىزغىنلىقى بولدى. ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن قىزغىن مېھىر- مۇھەببەت، كۆڭۈل بۆلۈش ھېسسىياتلىرى شىنجاڭنى بارغانسېرى جۇلالىق نۇر چېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئەگەر چوڭ بازارنىڭ گۈزەللىكى كوچا- رەستىلەرنىڭ ئاۋاتلىقى، قاينام- تاشقىنلىق، قويۇق تۈس، قىزغىن كەيپىياتقا تولغانلىقىدا دېيىلسە، ئۇنداقتا مەھەللىنىڭ گۈزەللىكى قوشنىلار ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتىدا ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ھېسسىيات ساپ، ئاددىي- ساددا ھەم ئىللىقتۇر. گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى «يۈز ئائىلىلىك زىياپەتنى تېتىش . مىڭ ئائىلە دوستلۇق مېھرىنى ئىزھار قىلىش . ئونمىڭ قەلبنى مۇجەسسەملەش» تېمىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت قوشنىلار خۇشال- خۇرام جەم بولۇپ، شاد- خۇراملىققا چۆمدى. بۇ يارقىن گۈزەل مەنزىرىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاجايىپ كۈچى تولۇق نامايان قىلىنىپ، ھەربىر ئاھالە، شىنجاڭغا گۈزەل ئۈمىد باغلىغان ھەربىر كىشى گۈزەل ماكاننىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەڭكەش مېلودىيەسى ئۈچۈن گۈزەل كۈيلەرنى ياڭراتتى.
كۆڭۈل قويۇپ ھېس قىلسىڭىز، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى بىلەن پۇقرالارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىنىڭ ئوخشاش بىر پارچە يۆگىمە رەسىم بولۇپ يۇغۇرۇلۇشىدا «مۇھەببەت» ھەم «ئىناقلىق»قا تايانغانلىقىنى بايقايسىز. ئىتتىپاق- دوستانە، ئېجىل- ئىناق بولغان يۇرت- ماكان گۈزەللىكى كۆركەم، ھەيۋەتلىك، گۈزەل، رەڭگارەڭ تاغ- دەريا گۈزەللىكى ئۈچۈن جان قوشقاندا گۈزەل شىنجاڭ تېخىمۇ سۆيۈملۈك، يېقىملىق بولغان، مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدىغان «ئارزۇدىكىدەك جاي»غا ئايلىنىدۇ.
(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)