يوشۇرۇن كۈچ قويۇپ بېرىلدى، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇلدى
08:35:58 2024-06-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 − دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىستېمال بازىرىغا نەزەر

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

 تىيانشان تېغى ئېتىكىدە مەشنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ چاي دەملەپ ئىچكەچ، «زامان ھالقىپ» قەدىمكى دەۋر بازىرىدىكى دۆلەت مودا ئېقىمىنى ھېس قىلىش، سودا سارايدا مۇزىكا كېچىلىكى ئاڭلاش... قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمال بازارلىرىدا يارقىن نۇقتىلار ئارقا- ئارقىدىن نامايان بولدى. سودا تارماقلىرى نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچىگەن 94 پارچە سېتىش، يېمەك- ئىچمەك كارخانىسى ياراتقان سېتىش سوممىسى 376 مىليون يۈەن بولۇپ، 2023- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.7 ئاشقان.

 تور ۋە تور سىرتىدا ھاياتىي كۈچ يېتەرلىك بولدى

 قۇربان ھېيت «618» سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كەلدى، ئامما دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى، بازاردا «باھا قويۇپ بېرىلدى».

 بايرام مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانىدا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش پائالىيىتىدىن باشقا، يەنە جەلپكار سەنئەت، گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

 «قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر كىچىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدۇق.» ئۈرۈمچى يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ چىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانىدا ساياھەتچىلەر ئېقىمى جەمئىي 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، سېتىش سوممىسى 20 مىليون يۈەندىن ئاشتى. يېمەك- ئىچمەك تۈرى، كىيىم- كېچەك ۋە زىبۇ- زىننەت تۈرى، ھېس قىلىش تۈرى بىرقەدەر ئالقىشقا ئېرىشتى.

 دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ھەرقايسى جايلارنى قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىگە بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش، تاۋارلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېمەك- ئىچمەك، مەززىلىك تائاملار بايرىمى قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان، سودا، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە يۇغۇرۇلغان ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى پائال ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەپ، ئىستېمال ئارزۇسىنى ئۇرغۇتتى. بايرام مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدا ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر ھەمدە ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

 − ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق، دېخۇي ۋەندا، بېييۈەنچۇن قاتارلىق بەش چوڭ سودا چەمبىرىكىگە تايىنىپ، «قۇربان ھېيتنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈش» «ياز ئوتتۇرىسىدىكى مۇزىكا دولقۇنى، شادلىق بەزمىسى»قاتارلىق تۈرلۈك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدىن 15 مەيدان قېتىمنى قانات يايدۇردى؛

 − سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئۈستىلەپ يولغا قويدى، ھەرقايسى ئاپتوموبىل سېتىش چوڭ كارخانىلىرى تور ۋە تور سىرتىدا كۆپ خىل شەكىلدە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بويىچە ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى؛

 − ئاقسۇ ۋىلايىتى «شاد- خۇراملىققا تولغان كەيپىيات . تائاملىرى مەززىلىك ئاقسۇ» «كەلپىندە مال سېتىۋېلىش . قۇربان ھېيتتىن خۇشال ھۇزۇرلىنىش» «شايار ناھىيەسىدە خۇشال- خۇرام مال سېتىۋېلىش . يېڭى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدىن 50 نەچچە مەيدان قېتىمنى قانات يايدۇردى.

 ...

 ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئارام ئىقتىسادىنى بارلىققا كەلتۈردى.

 تور سىرتىدا ھاياتىي كۈچ يېتەرلىك بولدى، توردىكى ئىستېمالمۇ ناھايىتى قىزىپ كەتتى. 6- ئاينىڭ 18- كۈنى، جىڭدۇڭ ئېلان قىلغان مەملىكەت بويىچە ئىستېمال سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل جىڭدۇڭ «618» يىل ئىچىدىكى سېتىشنى چوڭ ئىلگىرى سۈرۈش مەزگىلىدە، شىنجاڭلىق خېرىدارلار چۈشۈرگەن زاكازنىڭ يەككە باھاسى (ئوتتۇرىچە سودا سوممىسى) مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا، پۈتۈشۈش سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 23- ئورۇندا تۇرغان.

 «سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئىستېمالدا كۆپ مەنبەلىشىش نامايان بولدى. جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى ۋە مۇلازىمىتىمۇ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، بارغانسېرى كۆپ تاۋارنى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا تېخىمۇ تېز يەتكۈزەلەيدىغان بولدۇق» دېدى جىڭدۇڭ ئىستېمال ھەم كەسىپ تەرەققىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دۇڭ فېي.

 مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلۇپ، جەلپ قىلىش كۈچى ئاشتى

 مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ شۇ جاينىڭ خاس كىيىم- كېچەكلىرىنى كىيىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش ھازىرقى ياشلارنىڭ ئەڭ مودا ئويناش ئۇسۇلى. قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندى، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى، گۈزەل سۈرەتلەرگە چۈشتى.

 «ھەر كۈنى 40تىن 50كىچە زاكاز قوبۇل قىلىمىز، ئەگەر زاكاز مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە، فوتوگراف ۋە گىرىمچىكنى كۆپەيتىمىز»دېدى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى بويا ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنىنىڭ تىجارەت ئىگىسى جاڭ لياڭ.

 دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، شەندۇڭلۇق ساياھەتچى جاڭ مەنجى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، يەنە قۇربان ھېيتتىكى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن كەيپىياتتىن ھۇزۇرلاندى. «بۇ قېتىمقى سەپىرىم ئەھمىيەتلىك بولدى، قۇربان ھېيتقا ئۈلگۈرۈپتىمەن، بەكلا قىزىدى، گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە خەلق ئۆرپ- ئادەتلىرىدىن ھۇزۇرلاندىم» دېدى ئۇ.

 بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالى ۋەكىللىكىدىكى ئىستىراھەت ئىستېمال ئېھتىياجى شىددەت بىلەن ئېشىپ، تاغقا چىقىش، پىيادە مېڭىش، دالىدا قونۇش قاتارلىق ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇللىرى بارغانسېرى ياشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، «يېنىك ساياھەت» «قىسقا دەم ئېلىش» ساياھەت ئېسىل لىنىيەلىرى ئالقىشقا ئېرىشتى. شېنجوۋ ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، شىنجاڭدا ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ ئۆزى ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بازىرى قىزىپ كەتكەن. شىنجاڭ رايونىدا ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ ئۆزى ھەيدەش زاكاز تالونى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45 ئاشقان؛ سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش نىسبىتى %92نى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 ئاشقان؛ ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئالغۇچىلار ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، 90- يىللاردا تۇغۇلغانلار بىلەن 2000- يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ ئومۇمىي سەپەرگە چىقىش زاكاز تالونى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81 ئاشقان.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، غىزالىنىشنى يادرو قىلغان «تەم سەزگۈسى ساياھىتى» قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىگە يېپيېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، يېمەك- ئىچمەكمۇ ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى، نۇرغۇن ئاشخانا ئورۇن زاكاز قىلىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى، ئاۋات ئاشخانىلاردا ئورۇن تېپىش تەسكە توختىدى.

 ئۈرۈمچىدىكى «سۆيۈملۈك شىنجاڭ . يىپەك يولى زىياپىتى»گە كىرگەندە، مىللىي كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ زىبۇ- زىننەتلەرنى تاقىغان، قولىدا مىللىي چالغۇلارنى كۆتۈرگەن ناخشا- ئۇسسۇل ئارتىسلىرى نۇرغۇن ئىستېمالچىنى سۈرەتكە تارتىپ، داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

 «كىشىلەر ئېقىمى زور دەرىجىدە ئاشتى، ھەر كۈنى خېرىدارلار بىلەن لىق تولدى.» بۇ ئاشخانىنىڭ مەسئۇلى لى شياۋچىن مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلىشىپلا قۇربان ھېيت كېلىپ، غىزالىنىدىغان ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىك شەھەر ئاھالىلىرى ناھايىتى كۆپ بولدى. ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ ياخشى بولغان تەسىراتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاشخانىمىز مەخسۇس شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قورۇمىلارنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، بولكا قوي پۇتى، تونۇر كاۋىپى، غەربىي يۇرت فوتياۋچياڭ قاتارلىقلار ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

 «ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىنىڭمۇ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش سوۋغىسى كۆپەيتىلدى». لى شياۋچىن مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلارنىڭ ناخشا- ئۇسسۇلدىن ھۇزۇرلىنىش، ئېسىل تائاملارغا ئېغىز تېگىش جەريانىدا ئوخشاش بولمىغان مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەرنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى. شيېچېڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنلىرى، مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىقلار شىنجاڭ ئاھالىلىرى ۋە سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ شۇ جاينىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشىدىكى مۇھىم تاللىشىغا ئايلانغان. شيېچېڭ گۇرۇھىنىڭ رايون مەمۇرىي ئىشلار باش دىرېكتورى سۈن ۋېيلى مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ <ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى> دېگەن گۈزەل نامى بار، مەيلى مۇقام ياكى زامانىۋى تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىسى ئەترەتلىرى بولسۇن، ھەممىسى ئىستېمالچىلارنى مول مەنىۋى ئوزۇق ۋە كەيپىيات قىممىتى بىلەن تەمىنلىدى».

 ئىستېمالنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپ، ھالىتى يېڭىلاندى

 قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىخەنزە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ياڭ ۋەنفۇنىڭ كۈنلىرى «بالىسىنى ئوينىتىش» بىلەن ئۆتتى، بالىسى بىلەن بىللە كەپتەر بېقىپ، كۇبىك تىزىپ، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساپ... دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈردى.

 دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلار ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى يېتەرلىك بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا چەمبىرەكلىرىنىڭ «ئېقىم باشلىغۇچىسى»غا ئايلاندى. ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ سەپەرگە چىقىشتىكى «ھەمراھ بولۇش ئېففېكتى» ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى، ھەرقايسى چوڭ سودا چەمبىرەكلىرى ئائىلە ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، كەسىپ ھالىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، كۆپ مەنبەلىك ھالەت بەرپا قىلىپ، ماركېتىڭ ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلار ئىقتىسادى ئارقىلىق ئائىلە ئىستېمال كەسىپ زەنجىرىنى قوزغىتىپ، «سودا سارايلاردا ئايلىنىش»نىڭ دەرىجىسىنى «سودا سارايلاردا ئويناش»قا ئۆستۈرۈپ، سودا چەمبىرىكى ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

 نۇرغۇن سودا ساراي «ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلار» كوزىرىنى ئاساس قىلىپ، بالىلار شادلىق باغچىسى، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىپلا قالماي، يەنە ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلارنى ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللىدى، بۇنىڭ بىلەن سودا سارايلار ئاۋاتلاشتى ھەم نەپكە ئېرىشتى.

 6- ئاينىڭ 17- كۈنى سائەت 12دە، ئۈرۈمچى شەنشەن ئوتلېتس مال سېتىۋېلىش مەيدانىنىڭ ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئاپتوموبىل بىلەن لىق تولغانىدى.

 بۇ مال سېتىۋېلىش مەيدانى بەش كۈنلۈك «شىنجاڭ شەنشەن ئوتلېتس يىل ئوتتۇرىسىدىكى تەبرىكلەش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، قىزىقارلىق مازغاپ ئىچىدە يۈگۈرۈش، تۆگە گۆشى كاتتا زىياپىتى، خەلقئارا كوچا ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر نۇرغۇن ئىستېمالچىنى جەلپ قىلدى.

 «تەسىرات شەكلىدىكى بىر يۈرۈش ئىستېمال پائالىيىتى بازارنى ئاۋاتلاشتۇردى، بەش كۈندىكى ساياھەتچىلەر ئېقىمى 120 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، سېتىش سوممىسى 30 مىليون يۈەندىن ئاشتى». ئۈرۈمچى شەنشەن ئوتلېتس مال سېتىۋېلىش مەيدانى كارخانا پىلان بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لۇ لى مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە يەنە يېڭى، ئەلا سۈپەتلىك داڭلىق ماركىلارنى ئارقا- ئارقىدىن كىرگۈزۈپ، چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بەرپا قىلىمىز.

 يېڭى ئويناش ئۇسۇللىرى، يېڭى ئەندىزىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتكە چىقىش تەسىراتىنى بېيىتتى، شۇنداقلا ئىستېمال بازىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان ئىستېمال ھالىتى ئارام ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلىپ، ئىستېمال يېڭى يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ليۇ بو مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى «ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دىققەتنى «سودا، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىق» تىن ئىبارەت كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئارام ئىقتىسادى، داڭلىق ماركا ئىقتىسادى، كېچىلىك ئىقتىساد، ئىستىراھەت ئىقتىسادى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىقتىسادىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك ئىستېمال ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن يىلغا سىڭدۈرۈپ، تۆت پەسىلدە سىجىل داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن ساھەلىك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى زىچ قانات يايدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125