قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەدەنىيەت تۈسى قويۇق بولدى  
08:51:14 2024-06-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى

 كىشىلەر مەيداندا قىزغىن ئۇسسۇلغا چۈشتى، كۇتۇپخانىلاردا كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئالدى، مۇزېي، خاتىرە سارايلىرىدا زاماندىن ھالقىدى، مەدەنىيەت سارىيىنىڭ سەنئەت سالونىدا كۆڭۈل قويۇپ ناخشا ئاڭلىدى، گۈزەل سەنئەت سارىيىدا يازلىق كۈن- تۈن توختاش مەزگىلى تېمىسىدىكى سەنئەت ئىجادىيەت پائالىيىتىگە قاتناشتى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى، قەدىمىيلىك ۋە زامانىۋىلىقتىن تەسىراتقا ئىگە بولدى... قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما رەڭدار مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

 ئاسمان، رەڭلىك كىچىك چىراغلار، سىرتقا قويۇلغان ئۈستەل- ئورۇندۇقلار... 6- ئاينىڭ 14- كۈنى كەچتە، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىنىڭ چولپانلار سەنئەت سالونى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى، ناخشىچىلار نەق مەيداندا «ئارزۇغا يېتىش» «شالنىڭ خۇش ھىدى» «چوڭ شەھەردىكى ئاددىي مۇھەببەت» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتتى.

 «مۇشۇنداق مۇزىكا پائالىيەتلىرى كىشىگە ئازادە، خۇشال تۇيغۇ بېغىشلايدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لۇ يۈتاۋ. ئۇ يەنە ھەمتۈرتكە بولۇش ھالقىسىدا سەھنىگە چىقىپ، ناخشىچى بىلەن بىرلىكتە «چوڭ بېلىق» ناملىق ناخشىنى ئېيتتى. لۇ يۈتاۋنىڭ ئوغلى ۋاڭ كېدىڭ 4- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خۇيخەي بېكىتى مۇزىكا ئەترىتى قۇرغان بولۇپ، مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چولپانلار سەنئەت سالونىنىڭ سەھنىسىدە ئويۇن قويۇشنى پىلانلىدى.

 6- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «سەنئەت يېڭىلىقلىرى . يازلىق كۈن- تۈن توختاش مەزگىلىدە قەغەز بوتقا رەسىم ئىجادىيىتىنى ھېس قىلىش» پائالىيىتى شىنجاڭ گۈزەل- سەنئەت سارىيىنىڭ يەر ئاستى 1- قەۋىتىدىكى ئاممىۋى تەربىيە پائالىيەت ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلدى. كەسپىي ئوقۇتقۇچى كۆپچىلىككە كىلاسسىك پورترېت رەسىملىرىدىن قانداق ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگەتتى، قەغەز بوتقا رەسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنى تونۇشتۇردى ھەم نەق مەيداندا قەغەز بوتقا رەسىمنى ياساش ئۇسۇلىنى كۆرسەتتى.

 ئەركىن ئىجاد قىلىش جەريانىدا، كىچىك دوستلار ۋە ئاتا- ئانىلار قەغەز بوتقىسى تەڭشەپ، شەكىل سىزىپ، دادىل رەڭ بېرىش، ئۆزگىچە قۇرۇلما شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق ئىجادىيەت خۇشاللىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدى. كۆپچىلىك ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆگەندى، بىر- بىرىنىڭ ئىجادىيىتى ۋە تەسىراتلىرىدىن ھەمبەھرىلەندى، پائالىيەت نەق مەيدانى شادلىق سادالىرى ۋە قويۇق سەنئەت كەيپىياتىغا چۆمدى.

 6- ئاينىڭ 17- كۈنى سەھەردە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت سارىيى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت پىدائىيلىرى ئۆمىكى، كورلا شەھىرىنىڭ 14 كوچا باشقارمىسىدىن كەلگەن 1000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما كورلا شەھىرىدىكى خۇڭيەن مەيدانىغا جەم بولۇپ، مىڭ كىشىلىك مەيدان ئۇسسۇلى پائالىيىتىگە قاتناشتى. كۆپچىلىك رەڭگارەڭ كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ، شادىيانە مۇزىكىغا جور بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ بايرامنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزدى.

 «قەدەھ تۇتۇش ناخشىسى» «گۈل قىزاردى» «جۇڭخۇانى سۆيىمەن» قاتارلىق مۇزىكىلار ئارقا- ئارقىدىن ياڭرىدى، يەلپۈنۈپ تۇرغان كۆڭلەكلەر، رەڭدار تاۋار- دۇردۇنلار، رىتىمغا تەڭكەش قىلىنغان ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى... كۆپچىلىك قايناق ھېسسىياتى ۋە قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، لەرزان ئۇسسۇلى بىلەن ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.

 دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۇتۇپخانىلار مول مەزمۇنلۇق كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىدى. چىرا ناھىيەسى «قۇربان ھېيتنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈش، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ نىيە ناھىيەسى كۆچمە كىتاب ئاپتوموبىلىنى بازارغا، مەنزىرە رايونىغا يۈزلەندۈرۈپ كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى؛ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، كىتابنى ھەمراھ قىلىپ كاتتا بايرام ئۆتكۈزۈش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پائالىيەت مەزمۇنى كىچىك ئانار ئۆسمۈرلەر شېئىر يىغىلىشى − «مەن دادام بىلەن بازار ئايلىنىمەن» تېمىسىدىكى ئاتا- ئانىلار بالىلىرى بىلەن بىللە رەسىملىك كىتاب كۆرۈش، كۆپچىلىك بىرلىكتە قەغەز يۈزىدە بازار ئايلىنىش، شىنجاڭنىڭ بازار مەدەنىيىتىنى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

 «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئالدىنقى سېپىگە ياردەم بېرىش» «سادىق ۋە تىز پۈكمەس ئىنقىلابىي قۇربانلار» «ئىنقىلابىي قۇربانلار مەڭگۈ ھايات»... 6- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى خەن شىنرەن يەتتە ياشلىق ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ 8- ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، «دەم ئېلىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، بالام بىلەن قىزىل خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلدىم، بالامغا ماددىي بۇيۇم، سۈرەت قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئالىيجاناب ئىنقىلابىي غايىسى ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ئۆزىنى بېغىشلاشقا رازى بولۇش، ئېگىلمەي- سۇنماي كۈرەش قىلىش روھىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىمەن».

 قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە قىزغىن كەيپىياتقا تولغان شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى جاي- جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. ساپال بۇيۇملار بازىرى، ياغاچ جابدۇقلار بازىرى، تۆمۈر ئەسۋابلار بازىرى، دوپپا بازىرى، دورىلىق چاي بازىرى، قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى بازىرى قاتارلىق خاس بازارلار ساياھەتچىلەرگە ئەسلىي تەم، ئەسلىي پۇراقتىكى بازار مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇردى. قەھۋەخانا، ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنى، كىتابخانا، ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىق زامانىۋى مەدەنىيەت- ساياھەت كەسىپ ھالەتلىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ مودا ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

 شېنجېنلىق ساياھەتچى ياڭ لىن مۇنداق دېدى: قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، كۆرۈش، ئاڭلاش، تېتىش تۇيغۇم قانائەتلەندى، «قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە تۇرمۇش كەيپىياتى، مەدەنىيەت كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق ئىكەن».

 كىشىلەر قاراماي شەھىرىدىكى پىيادىلەر كوچىسى مەدەنىيەت چايخانىسىدا يۈجۈ تىياتىرى ئويۇنىدىن ھۇزۇرلاندى، قاراماي رايونلۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بازىسىدا «ساپال سىرلىق چىڭخۇا . تۇرمۇشنى نۇرلاندۇرۇش» − ساپال سىرلىق رەڭلىك فارفۇر بۇيۇم ياساشنى ھېس قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى... بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، قاراماي رايونى يەنە پۇقرالار چوڭ سەھنىسى ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى، 2024- يىللىق قاراماي رايونى 1- نۆۋەتلىك «نېفىت شەھىرى ئۇسسۇل لوڭقىسى» ئۇسسۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى؛ مايتاغ رايونى مايتاغ چوڭ جىلغىسىدا ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى، دارۋازلىق خەلق ئۆرپ- ئادەت ئويۇنى پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزدى. جەرەنبۇلاق رايونى «جەلپكار جەرەنبۇلاق، مەدەنىيەت ئارقىلىق مىليونلىغان ئائىلىنى ئوزۇقلاندۇرۇش» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت بۇتخانا سەيلىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پائالىيەت ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرىكى، شادلىق باغ سەيلىسى، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، رەڭدار يەلپۈگۈچ، رەخت بوياش، ئويما رەسىم قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى.

 قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئاممىۋى مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى گو مىنجيې مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قاراماي شەھىرىدىكى بەش ئاممىۋى كۇتۇپخانا، بەش مەدەنىيەت سارىيى، بىر گۈزەل سەنئەت سارىيى، 15 كوچا باشقارمىسىنىڭ مەدەنىيەت پونكىتى نورمال ئېچىۋېتىلدى. شەھەر بويىچە تور ۋە تور سىرتىدا جەمئىي 21 مەيدان قېتىم تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، قاتناشقان ئامما 7000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125