لو پېيفاڭ
ھەر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغىنىمدا، بالىلىق چاغلىرىمدا ئوتۇن يۈدۈپ ماڭغان يولدا ئانامنىڭ ماڭا جېكىلىگەنلىرىنى ئەسلەيمەن.
24 يىل بۇرۇنقى يازلىق تەتىل، شۇ يىلى مەن توققۇز ياشتا ئىدىم.
چۈشتىن كېيىنكى ئاپتاپ يەنىلا چىدىغۇسىز قىزىق ئىدى، تەر ماڭلاي چاچلىرىمنى بويلاپ كۆزۈمگە ئېقىپ كىرىۋاتاتتى، ئاچچىقتىن كۆزۈمنى توختىماي چىمىلدىتاتتىم؛ بەزىلىرى ئاغزىمغا ئېقىپ كىرىپ، ئاغزىمنى تۇزلۇق قىلىۋېتەتتى. ئەپكەش ئوڭ مۈرەمنى بېسىپ بەك ئېچىشتۇرۇۋەتتى. بۇ چاغدا، يول بويىدىكى چاتقاللارنىڭ ئارىسىغا، ياۋا ئوت- چۆپلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان تاغ ھاشاراتلىرى ئادەتتىن تاشقىرى جانلىنىپ كەتكەن ئىدى، لېكىن چىرىلداشلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى بىزار قىلاتتى، مۈرەمدىكى ئوتۇن يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك بىلىنىۋاتاتتى. يىلانباغرى تاغ يولى تار ھەم ئۇزۇن بولۇپ، ئانام ئىككىمىز يانمۇيان ماڭساق سىغمايتتۇق، بىز پەقەت ئالدى- كەينى بولۇشۇپ ماڭالايتتۇق. يول بويىدىكى بەزى دەرەخ شاخلىرى، ئوت- چۆپ يوپۇرماقلىرى شوخلۇق بىلەن چىغىر يولغا سوزۇلۇپ كىرىۋالغان بولۇپ، تىكەنلىك ئوت- چۆپ يوپۇرماقلىرى ھەدېسە مەڭزىمنى، بوينۇمنى جىجىۋېتەتتى، يىڭنە ئوتنىڭ تەتۈر تىكەنلىرىمۇ كىيىم- كېچەكلەرگە چاپلىشىپ كەتتى، بەزى قاتتىق تىكەنلىرى تېرىگە قايتا- قايتا سانجىلاتتى. ئانام سول قولىدا مۈرىسىدىكى ئوتۇننى تىرەپ، ئوڭ قولىدا بېلىدىكى ئوتۇن قىڭرىقىنى چىقىرىپ، پات- پات يولنى توسۇۋالغان شاخلارنى كېسىۋېتەتتى. ئوتۇن يۈدۈۋالغان پاكار، ۋىجىك ئانامنىڭ قەدەملىرى مەزمۇت ئىدى، ئوخشاشلا پاكار، ئورۇق مەن ئوتۇن يۈدۈپ دەلدۈگۈنۈپ ماڭاتتىم. ئانامنىڭ بارغانسېرى كەينىدە قالسام، ئانام ئالدى تەرەپتە توختاپ تۇرۇپ: «قىزىم، تېز يېتىشىپ مېڭىڭ»، دەپ توۋلايتتى.
مەن شۇ ھامانلا ئۆيگە بېرىۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم، لېكىن ئالدىمىزدىكى يولنىڭ ئاخىرىغا كۆز يەتمەيتتى. مەن باتناپ ئوتۇننى يەرگە تاشلاپ، ئانامغا قاراپ ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ: «ئانا، مەن كۆتۈرەلمىدىم»، دېدىم. ئانام مۈرىسىدىكى ئوتۇننى ئاستا چۈشۈرۈپ، يېنىمغا كەلدى ۋە بۇ بىر باغلام ئوتۇننى دەڭسەپ كۆرۈپ: «ھە، سەل ئېغىر ئىكەن، قايتىدىن يېشىپ، مېنىڭ ئوتۇنۇمغا قوشۇپ تاڭغىلىمۇ بولمايدىكەن»، دېدى. ئاندىن، ئۇ مېنىڭ بۇ ئوتۇنۇمنى يول بويىدىكى ئوت- چۆپلەرنىڭ ئارىسىغا قويۇپ ئۈستىنى ئوبدان يېپىپ قويدى. ئۇ بېلىدىكى ئوتۇن قىڭرىقىنى ئېلىپ، مېنىڭ ئالدىدا يول ئاچقاچ مېڭىشىمنى ئېيتىپ، ئۆزى داۋاملىق ئوتۇن يۈدۈپ ئۆيگە ماڭدى.
ئانامنىڭ ئۆزى يالغۇز ئوتۇن يۈدۈپ كېتىۋاتقان سىماسىغا قاراپ ھەم خىجىل بولۇپ ھەم مەيۈسلىنىپ: «ئانا، مېنىڭ ئوتۇنۇمنى قانداق قىلىمىز؟» دەپ سورىدىم. ئانام يەڭگىل ھالدا: «مەن ئەتە تاغقا كىرىپ ئېلىپ كېتىمەن»، دېدى. مەن ئىختىيارسىز يەنە يۈرەكلىك ھالدا: «ئانا، مەن باشقا دوستلىرىمغا ئوخشاش ئېغىر دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلالمايمەن، كېيىن دېھقان بولالمىسام قانداق قىلىمەن؟» دېدىم. ئانام كۈلۈپ كەتتى، ئۇ قەدىمىنى ئاستىلىتىپ، مەندىن: «ئۆيىمىزنىڭ مېۋىلىرى پىشسا، سىز كەينىمدە يۈرۈپ مېۋىلەرنى ئۈزۈپ، سېۋەتكە سېلىپ بازارغا ئاپىرىپ سېتىشنى ياخشى كۆرىسىز؛ شاللىرىمىز پىشقاندا، سىز دائىم مەن بىلەن بىللە ئېتىزغا بېرىپ ئورغاق بىلەن ئورۇسىز، بۇ قانداقمۇ ئىش قىلىشنى بىلمىگەنلىك بولسۇن؟» دەپ سورىدى. مەن تېرىكىپ: «لېكىن مەن دەرەخكە يامىشالمايمەن، پۇتۇمنىڭمۇ پېدالنى تېپىپ شال ئاقلىغۇدەك ماغدۇرى يوق»، دەپ جاۋاب بەردىم. ئانام يەنە قاھ- قاھلاپ كۈلۈپ كەتتى، ئۇ بىر قولىدا بېشىمدىكى چىغ قالپاقنى قېقىپ قويۇپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «قىزىم، لېكىن سىز تىرىشىپ ئوقۇيسىز، ھەر كۈنى كەچتە كىرسىن چىراغنى ياندۇرۇپ كىتاب كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرىسىز، تېخى دائىم خېلى كەچكىچە كۆرىسىز. شۇڭا، سىز ياخشى ئوقۇسىڭىزلا، ماڭا ئوخشىمايدىغان چىقىش يولى تاپالايسىز»، دېدى.
ھازىر، مەن يىراقتىكى شەھەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن، ھەر قېتىم ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىققا يولۇققىنىمدا، دائىم ئوتۇن يۈدۈپ ماڭغان ئاشۇ يولدا ئانامنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن قىلغان نەسىھەتىنى، ئىنچىكىلىك بىلەن جېكىلىگەنلىرىنى ئەسلەيمەن.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: سىچۇەن ئۆلكىسى يىبىن شەھەرلىك 3- خەلق دوختۇرخانىسى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)