شى جىنپىڭ 2024- يىللىق دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
23:50:34 2024-06-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2024- يىللىق دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ مۇھىم قوزغاتقۇچ كۈچى بولۇپ، يەرشارىۋى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يۈكسىلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش جەھەتتىكى تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

 2024- يىللىق دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى «ئەقىل- پاراسەت ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلىنىش، كەلگۈسىگە ھاياتىي كۈچ بېغىشلاش»، كۆرگەزمىنى تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ كۈنى تيەنجىن شەھىرىدە باشلاندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125