ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
00:07:04 2024-06-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

 ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

 ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە چىڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېچىلغان سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، «دائىم غېمىدە بولۇش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىكى ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، بىنورمال ھاۋارايى ۋە تۈرلۈك ئاپەتلەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ ۋاقىتچانلىقى ۋە توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپەت ئاسان يۈزبېرىدىغان رايونلار ۋە خەۋپ- خەتەر كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان نۇقتىلىق بۆلەكلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى قاتتىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تېزدىن كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، يوچۇقلارنى ئېتىش كېرەك؛ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش بويىچە سۇ مەنبەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، شەرقىي شىنجاڭ رايونىنىڭ قۇرغاقچىلىق خەۋپ- خەتىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمۈرلۈك، كان، يول قاتنىشى، ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قەلبكە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، خەۋپ- خەتەرنى تۈگىتىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي ياخشى قوغدىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر رايونى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مىللەت، دىن خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر تەتقىق قىلىپ بايان قىلىش- چۈشەندۈرۈشنى ۋە تەشۋىق- تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشى، كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، بەخت- سائادەتنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە- مۇھىت قوغداشنى سىجىل كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، دۆلەت ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دەپ بىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پائال تۈردە ھەربىيلەر ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئارمىيە- ھۆكۈمەت، ئارمىيە- خەلق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

 يىغىندا دۆلەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ تەلىپى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈش- باھالىشىدا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە دائىر خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان مۇھىم تەدبىر قىلىپ، سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە شارائىتىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ قوللاش، يار- يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپلەرنى تۇتۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، ئۆز جايىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك چارە- ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىپ، ئۈزۈل- كېسىل تۈزىتىپ، يېزىق جەھەتتە تۈزىتىش، ساختا تۈزىتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى كەم- كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش شىنجاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى كونكرېت ئەمەلىيىتى. ئۈرۈمچى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئويلىشىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك بايلىقلار توپلىنىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بايلىقنى تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ كۆپ تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مەۋقەنى خاس ئەۋزەللىككە، كەسىپ ئاساسىغا ۋە پەن تەتقىقات شارائىتىغا قويۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرىدىغان رايونلار ۋە كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تىرەك بولۇش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125