قاقاس دالا سەپىرى، قومۇل داخەيداۋنى كېسىپ ئۆتۈش
01:12:45 2024-06-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

«قومۇل پىتېروزاۋۇر يارداڭ داخەيداۋ مەنزىرە رايونى پىتېروزاۋۇر تاش قاتمىسى خارابىسى، يارداڭ توپى ئاجايىپ مەنزىرىسى ۋە يىپەك يولى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بىر گەۋدە قىلغان تەبىئىي مەنزىرە بولۇپ، كەڭ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھەتچىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.» قومۇل يارداڭ داخەيداۋ مەنزىرە رايونى تىجارەت باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋۇ چيۇيۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن ھازىرغىچە، مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 60 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئاشتى.

داخەيداۋ گەنسۇ يۈمېنگۇەندىن باشلىنىپ، قومۇل ئارقىلىق تۇرپانغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 456 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ خەن سۇلالىسى دەۋرى مەزگىلىدىكى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يوللىرى خەتەرلىك بولغاچقا، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن تەدرىجىي تاشلىنىپ قالغان. دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ جاي گېئولوگىيە يادىكارلىقلىرى مەنزىرە قىياپىتى رايونى ۋە يارداڭ مەنزىرە قىياپىتى رايونىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، قەدىمىي قەلئە، تۇرا، ئۆتەڭ، تارىختىن بۇرۇنقى ئىنسانلار تۇرالغۇ خارابىسى ۋە خۇاشىشەن، ئېزىتقۇ قاتارلىق نۇرغۇن ئاز ئۇچرايدىغان يەر شەكلى، يەر قىياپىتى توپلانغان، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ قانۇنلۇق كېسىپ ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنغان ئادەمسىز رايون بولۇپ، «ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىدىغان مەنزىرىلىك جاي» دەپ تەرىپلىنىدۇ، شۇنداقلا ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت ساھەسى باھالاپ بېكىتكەن مەملىكەت بويىچە ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىدىكى ئېسىل لىنىيە ھېسابلىنىدۇ.

دېڭىز ياقىسى بولمىغان مۇشۇنداق بىر جايغا نېمە ئۈچۈن «داخەيداۋ» دەپ ئىسىم قويۇلغان؟ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «يۈەنخې يىللىرىدىكى ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى»دە، «ليۇجۇڭ ناھىيەسى (ئوتتۇرا تۆۋەن دەرىجىلىك، غەربتە ئايماققا 30 چاقىرىم كېلىدۇ) جېنگۇەننىڭ 14- يىلى تەسىس قىلىنغان. ئۆتەڭ يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناھىيە بازىرى ئىنتايىن مۇستەھكەم − داشاخەي ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 90 چاقىرىم كېلىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. داشاخەي بولغاچقا داخەيداۋ شۇنداق دەپ ئاتالغان. يەنە «تىنچ جاھان خاتىرىسى»دە، «يەنە بىر يول بار، ئۇ ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن باشلىنىپ، داخەينىڭ شەرقى (تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لوپنۇر كۆلى يەنە داخەي دەپ ئاتالغان) ئارقىلىق، شەرقىي جەنۇب تەرەپتە قۇملۇقتىن ئۆتۈپ، ئىۋىرغول چېگراسىغا كىرىدۇ، بۇ، پېي جۈ ئېيتقان ئاراتۆرۈك يولى» دەپ خاتىرىلەنگەن. «تۇرپاندىن تېپىلغان پۈتۈكلەر»دە، «بېيتىڭدىكى قاراقچىلار داخەي يولىغا بېسىپ كەلدى» دەپ خاتىرىلەنگەن، بۇنىڭدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داخەيداۋنىڭ يەنە داخەي يولى دەپ ئاتالغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور يېتەكچىسى ۋاڭ شياۋلىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ قومۇل ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنى باشلاپ، ئۇدا ئون نەچچە يىل قومۇل چۆللۈكىدە ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ، بۇ جايدا كەڭ كۆلەملىك، مەركەزلەشكەن پىتېروزاۋۇر تاش قاتمىسىنى بايقىدى ھەم 2021- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو يىپەك يولى غايەت چوڭ دىنازاۋۇرى ۋە شىنجاڭ قومۇل غايەت چوڭ دىنازاۋۇرىدىن ئىبارەت ئىككى يېڭى دىنازاۋۇر تۈرىنى بايقىدى.

ۋاڭ شياۋلىن ئىلگىرى داخەيداۋغا مۇنداق باھا بەرگەن: قومۇل داخەيداۋ يەر شارىدىكى مارسقا ئەڭ ئوخشايدىغان جاي، دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈزەل يارداڭ يەر شەكلى ۋە تارقىلىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مول بولغان پىتېروزاۋۇر تاش قاتمىسى چىقىدىغان جاي، ئۇ ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى قىلىپ فوتو سۈرەت تارتىدىغان ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك جاي بولۇپلا قالماي، يەنە تارىختىن بۇرۇنقى ھاياتلىق ۋە ئالەم بوشلۇقى دۇنياسى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىسى، كىنو- تېلېۋىزىيە بازىسى ۋە تەتقىقات- ئۆگىنىش ساياھىتى قىلىشتا ئالدىن تاللىنىدىغان جاي.

داخەيداۋنىڭ نامى چىقىشىغا يەنە ئۇنىڭغا ئادىمىيەت ۋە تارىخ ئامىلى يۈكلەنگەنلىكى سەۋەب بولغان. شۈەنزاڭ غەربكە سەپەر قىلغاندا داخەيداۋدىن ئۆتكەن، «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى»دە، «ئاسماندا ئۇچار قۇش، يەردە ھايۋان يوق، سۇ، ئوتمۇ يوق، پەقەت يالغۇز سايەملا بار» دەپ خاتىرىلەنگەن. قاقاس، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، ئاجايىپ- غارايىپ سىرلىق مەنزىرىلەر دەل داخەيداۋنىڭ نۇرغۇن ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلىشىدىكى سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.

ۋۇ چيۇيۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىنى چۆرىدەپ، يارداڭ، پىتېروزاۋۇر، سىرلىق مەنزىرە ئېكسپېدىتسىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يادروغا تايىنىپ، داخەيداۋ مەنزىرە رايونى يىپەك يولى مەدەنىيلىكى، پىتېروزاۋۇرغا دائىر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، كۆپ خىل يەر شەكلى، چۆل ئېكولوگىيەسى، زامانىۋى پەن- تېخنىكىدىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ساياھەت مەھسۇلاتىنى چوڭقۇر قازدى؛ ئاممىباب ئىستىراھەت قىلىدىغان، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھېس قىلىدىغان، كەسپىي ئېكسپېدىتسىيە قىلىدىغان، خەلقئارا يۇقىرى دەرىجىدىكى تۆت تۈرلۈك نىشانلىق خېرىدار توپىنى نىشانلاپ، ئىستىراھەت ئېكسپېدىتسىيەسى، ھېس قىلىش ئېكسپېدىتسىيەسى، كەسپىي ئېكسپېدىتسىيە، خاس ئېكسپېدىتسىيەدىن ئىبارەت تۆت خىل ئالاھىدە ساياھەت مەھسۇلاتىنى بەرپا قىلىپ، «قاقاس دالا سەپىرى . سىرلىق مەنزىرە ساياھىتى» دالا راھەت زاكازلىق كېسىپ ئۆتۈش لىنىيەسى، «سەرگەردان يەرشارى . مارستىكى ئاجايىپ ئۇچرىشىش» ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى ئېكسپېدىتسىيە ھېس قىلىش لىنىيەسى، «قەدىمىي يولنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى . قۇم دېڭىزىدىكى سىرلارنى ئىزدەش» يىپەك يولى باش تېمىسىدىكى گۆھەر ئىزدەش لىنىيەسى، «يىراق قەدىمكى سادا . زامان- ماكان سەپىرى» يۇرا دەۋرى چوڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش لىنىيەسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭقۇر ھېس قىلىش ساياھەت لىنىيەسى ۋە ئالتە چوڭ تەتقىقات- ئۆگىنىش باش تېما دەرسىنى ئاچتى.

ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىنىڭ ھېس قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسى بويىدا نۇرغۇن جىددىي پاناھلىنىش ئۆتەڭ پونكىتى تەسىس قىلىپ، كەسپىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرىنى سەپلىدى؛ يادرولۇق رايوندا سىگنال مۇنارىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، سىگنال يوق رايونلارنى ئازايتتى؛ ئاقىل ساياھەت ئاممىۋى ھاجەتخانىسى، يول بەلگە تاختىلىرىنى كۆپەيتىپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، پاناھلىنىش ئاپتوموبىل لاپىسى قاتارلىقلارنى پىلانلاپ ئورنىتىپ، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىگە چىققان ساياھەتچىلەرنى بىخەتەر، بەھۇزۇر ساياھەت قىلىپ، سىرلارنى ئىزدەش خۇشاللىقىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«مەنزىرە رايونى تەتقىقات- ئۆگىنىش ساياھەت بازىسى ماركىسىنىڭ سىجىل داڭقىنى چىقىرىپ، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرس مەزمۇنى ۋە تەشكىللەش شەكلىنى بېيىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى يېزا- بازارلار ئۆتكۈزگەن بايرام، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خاس مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىدۇ» دېدى ۋۇ چيۇيۈ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل شەھىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، جۇڭگودىكى تۇنجى خەلقئارا ئېكسپېدىتسىيە باغچىسى − داخەيداۋ خەلقئارا ئېكسپېدىتسىيە باغچىسى تۈرى ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلەشتى، شىنجاڭ. قومۇل 2024- يىلى 1- نۆۋەتلىك داخەيداۋ راللى مۇسابىقىسى قاتارلىق ئېسىل پائالىيەتلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، «داخەيداۋ» باش تېمىسىدىكى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى پات ئارىدا قويۇلىدۇ. داخەيداۋ ساياھەتچىلەرنىڭ گۈزەل شىنجاڭنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىشىدىكى يېڭى ئىنتىلىشى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125