6- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن كانادانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مېي چيەنلىن بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن كانادانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مېي چيەنلىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
چېن ۋېيجۈن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.