«بىرىنچى قول رەھبەر»نىڭ رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ شەكىلۋازلىقنى تۈزەش كېرەك
10:26:39 2024-06-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىن شىجيەن

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلدى، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈش كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى... بىر مەزگىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، ئەمەلىي ئۈنۈم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ئىككى دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلاردىكى «بىرىنچى قول رەھبەر»لەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

لېكىن شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت جاھىل ئىللەت ئالدىدا، ئېغىشنى تۈزىتىش، تۈزەش جەريانىنى بىراقلا تاماملىغىلى بولمايدۇ، تۈزەش نەتىجىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىر قېتىملىق نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ئىككى دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلاردىكى «بىرىنچى قول رەھبەر»لەرنىڭ ئۆزىدىن باشلاپ، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھە، تۇرۇشلۇق تارماقلاردىن باشلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەش جەھەتتە باشلامچىلىق رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

شەكىلۋازلىقنىڭ ماھىيىتى سۇبيېكتىۋىزم، مەنپەئەتپەرەسلىك، مەنبەسى سىياسىي نەتىجە قارىشى خاتا بولۇش، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كەمچىل بولۇش بولۇپ، داغدۇغىلىق شەكىل پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر چىرايلىق تاشقى قىياپەت بىلەن يوشۇرۇلغان. ئەگەر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەكىلۋازلىقنىڭ ماھىيىتى ۋە مەنبەسىگە بولغان تونۇشى چوڭقۇر بولمىسا، ئەتراپلىق بولمىسا، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى «رەسمىيەتچىلىك»كە ئايلىنىپ قېلىشى، كېيىنكى خىزمەتلەردە ھەتتا شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى ياخشى تۇتۇپ، «بىرىنچى قول رەھبەر»نىڭ «بىرىنچى جاۋابكار» بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقانلىق بولىدۇ.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، مۇتلەق كۆپ سانلىقلارنى يېتەكلەش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولدى، ھەر قېتىملىق باش تېما تەربىيەلىرىدىمۇ بۇ ئۇسۇلنىڭ ياخشى ئۈنۈمى تەكشۈرۈپ سىنالدى. سىجىل تۈردە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرىدىكىلەر قانداق قىلسا، تۆۋەندىكىلەر شۇنى ئۈلگە ئېلىپ، كۈچلۈك بولغان «باشلامچى ئېففېكتى» ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى- تۆۋەن بىرلىكتە تۈزىتىشنى تۇتىدىغان، يۈكنى يېنىكلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر شىنجاڭ يۈزلەنگەن تارىخىي پۇرسەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ۋەزىپىمۇ بىزدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ئىككى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چوڭقۇر تونۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي تۆھپە قوشىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىدىغان خىزمەت يۆنىلىشىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىجىل تۈردە خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، مەسىلىلەرنى ئىلمىي، سىستېمىلىق ھەل قىلىش ئىقتىدار- سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيەۋى مەنبەدىن باشلاپ تۇتۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، سىياسىي نەتىجە ئۈچۈن ئۆپكىسىنى باسالماسلىقنى يېڭىپ، سىجىل تۈردە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەقىقىي قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈشكە جاپالىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئومۇمىيلىققا ئىگە مەسىلىلەر، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، مەسىلىلەرنىڭ ئارقىسىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا، ھادىسىدىن ئۆتۈپ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، تۈزۈم- مېخانىزم جەھەتتىكى يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، شەكىلۋازلىقنى سىستېمىلىق تۈزەش «بىرىكمە مۇشت»ىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنىڭ كۆپ ھاللاردا «ئىپادىسى ئاساسىي قاتلامدا، يىلتىزى يۇقىرىدا»، رەھبىرىي ئورگانلار روشەن يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزەپ، «يۇقىرىدىكىلەر ئاغرىسا، ئاساسىي قاتلامدىكىلەر دورا يېيىش»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك كۆپ تارماققا چېتىلىدىغانلىرىدا يەنە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەسىلىلەرنى ئويلىشىش، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا ھەرگىزمۇ «پېشانىگە ئۇرۇپلا» تەدبىر بەلگىلىمەسلىك، زۆرۈر بولمىغان «چۈشتىن بۇرۇن ھۆججەت تارقىتىش، چۈشتىن كېيىن يۇقىرىغا يوللاش»نى توسۇش كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دەرىجىمۇدەرىجە ئۈلگە كۆرسىتىپ، دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ ئىشلەپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەنلىك، ھەم ئەمەلىي ئىشلەش ئۈچۈن كۈچ قوشقانلىق. ھەر دەرىجىلىك «بىرىنچى قول رەھبەر»لەر پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئاڭلىقلىقى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئاخىرغىچە تۇتۇش چىدامچانلىقى بىلەن، شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ئۇزاققىچە بوشاشماي تۇتۇپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا تېخىمۇ ياخشى رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125