قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | خەت
17:36:50 2024-06-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 خۇاڭ يۈجېن

 «دەريادا كۆۋرۈك بولمىسا مۇز تۇتۇشنى ساقلىساق بولىدۇ، ئۇزۇن كېچىنى بېسىپ ئۆتسەكلا تاڭ ئاتىدۇ.» ئەسلىمەمدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قارا رەڭلىك ئىدى، شۇنداقلا ئەسلەشنى ئەڭ خالىمايدىغان نەرسەم ئىدى. بىراق، نەدىمۇ مۇتلەق قاراڭغۇلۇق بولسۇن. ئاشۇ مەزگىل توغرىسىدىكى ئەسلىمىلەر ئىچىدە، ئۈچ يىل ئىچىدە ئۈزۈلۈپ قالمىغان خەتلەر خۇددى قاراڭغۇلۇققا كىرگەن بىر دەستە نۇرغا، بىر دەستە ئاجىز ئەمما ئۈمىدكە تولغان نۇرغا ئوخشايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ماڭا زادى قانچىلىك كۈچ بېغىشلىغانلىقىنى بىر ئۆزۈملا بىلىمەن.

 ھەر كۈنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاتا- ئانامنىڭ تەلىپى بويىچە يىللىقلار بويىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ قاتارىغا كىردىم، خۇددى ھېسسىياتسىز كىتاب ئوقۇش ماشىنىسىغا ئوخشاش، بىزارلىق كەيپىياتىممۇ ئاسىيلىققا تولغان بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىمدە يۇقىرى پەللىگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، مەن گەپ قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالدىم، كەيپىياتىمنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا يوشۇرۇشقا باشلىدىم.

 مەن ئارقا- ئارقىدىن كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئارقىلىق، ئەتراپىمدىكى سوغۇق گەپلەردىن دىققىتىمنى تارتتىم؛ ئۆگىنىشكە چۆكۈپ كەتكەندىلا، ئاندىن مەيۈس كەيپىيات كۆرۈلمەيتتى. لېكىن بۇنداق كۈنلەرنى ئۆتكۈزمەك ھەقىقەتەن تەس ئىدى، قاراڭغۇلۇق ئاستا- ئاستا مېنىڭ دۇنيايىمنى يۇتۇپ كەتتى.

  «ھوي، كىم ساڭا خەت يېزىپتۇ؟» ئۇلار سوئال سورىغاندا، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ قويدۇم، خەتنى بوغچامغا سېلىپ، جاۋاب بەرمىدىم. بۇ يەنە كىمنىڭدۇر بىمەنە چاقچىقى بولۇشى مۇمكىن، مەن يەنىلا مەكتەپتىن يانغاندىن كېيىن ئۇنى تاشلىۋېتەي.

  ئويلىمىغان يەردىن، بۇ خەت بىر قېتىم كېلىپلا توختاپ قالمىدى، ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇ تەدرىجىي ھالدا مېنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرىمنى ئىگىلىدى. قولۇمدىكى يىغىلىپ قالغان خەتلەرگە قاراپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە خەتنى ئېچىپ كۆرۈپ باقتىم، «بىز ئۇلۇغۋار غايىلەرنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىز كېرەك، ئەرزىمەس ئىشلار سەۋەبىدىن توختاپ قېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق ...» پەقەت ئاددىيلا گەپلەر ئىدى، لېكىن يۈرىكىمنىڭ بىر بۇرجىكى پۇچۇلىنىپ، نۇر كىرگەندەك بولۇپ قالدىم.

 ئاستا- ئاستا، مەن ھەر كۈنى پەيدا بولىدىغان خەتكە ئازراق تەلمۈرىدىغان بولدۇم. گەرچە خەتنى كىمنىڭ يازغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى شۇ چاغدا ماڭا ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى.

  كەچقۇرۇن، يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، مەن ئادىتىم بويىچە ئاچقۇچنى تۇتۇپ باقماقچى بولۇپ بوغچامغا قولۇمنى سالدىم، ئاچقۇچنى ئېلىۋالماپتىمەن، ئامالسىز دەرسخانىغا بېرىپ ئىزدەش ئۈچۈن كەينىمگە ياندىم. دەرسخانىنىڭ ئارقا ئىشىكى ئاساسەن تاقالمايتتى، مەن ئىشىك ئالدىغا كەلسەم، دەرسخانىدا يەنە ئادەم باركەن. لېكىن، مەن كىرەي دەپ تۇرغىنىمدا، ئۇ ئادەمنىڭ مېنىڭ ئورنۇمغا كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆردۈم، ئۇ قولىدىكى خەتنى ئۈستىلىمگە قويۇپ قويدى.

  يۈرىكىم جىغغىدە قىلدى، ئىختىيارسىز ياندىكى ھاجەتخانىغا يوشۇرۇنۇۋالدىم، ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئورنۇمغا بېرىپ ئاچقۇچقا قاراپ باقاي، دېدىم. مەن بۇ ھەرىكەتلەرگە قانداق يۈزلىنىشنى بىلمەيتتىم، پەقەت كۆڭلۈمدە «تېز قاچاي» دەۋاتقانلىقىمنىلا بىلەتتىم ...

 خەت ھەر كۈنى ئاۋۋالقىدەكلا ئۈستىلىمدە پەيدا بولۇۋەردى، ئۇ ھېچكىمگە خەتنى ئۆزىنىڭ يازغانلىقىنى ئېيتمىدى، مەن ھېچنېمىنى بىلمىگەن بولۇۋېلىپ، داۋاملىق ئۆگەندىم. بىراق، بەزى نەرسىلەر ئاستا- ئاستا ئۆزگەردى، خەتتىكى سۆزلەر مېنى ئىلھاملاندۇرۇۋاتاتتى، قەلبىمنى ئىللىتىۋاتاتتى. 

 ۋاقىت خۇددى سۈزۈك سۇنىڭ تېيىز يەردە توختاپ قالسا لاي- لاتقا تىنىپ قالغاندىن كېيىن، قۇياش نۇرىغا ئەگىشىپ ئاستا- ئاستا پارغا ئايلىنىپ كەتكىنىدەك، مېنىڭ خاتىرەمنى بارا- بارا خىرەلەشتۈردى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئۇنى قايتا كۆرۈپ باقمىدىم، ئاتا- ئاناممۇ مېنى بۇرۇنقىدەك باشقۇرۇپ كەتمەيدىغان بولدى، تۇرمۇشۇممۇ زۇلمەتلىك بىلىنمەيدىغان بولدى.

  ھەممە نەرسىنىڭ يوچۇقى بولىدۇ، ئۇ − نۇر چۈشىدىغان جاي.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: سەنمىڭ شۆيۈەنى مەدەنىيەت تارقىتىش شۆيۈەنى 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125