تۇتاش كەتكەن گۈزەل تىيانشان تاغ تىزمىسى مىڭ چاقىرىمغا سوزۇلغان؛ نەنسەن مەنزىرە رايونىدا دەل- دەرەخلەر بۈك- باراقسان ئۆسۈپ، گۈل- گىياھلار ھەممە يەرنى قاپلىغان ئىدى. چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق تىياتىر «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» تۈنۈگۈن كەچ ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگوۋ بازىرىدىكى «ھەقىقىي مەنزىرە»لىك تىياتىرخانىدا قويۇلدى.
شۇ كۈندىكى ئويۇن چوڭ تىپتىكى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك مۇزىكىلىق تىياتىر «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش»نىڭ 2024- يىللىق ئويۇن قويۇش پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان ئويۇنى ھېسابلىنىدۇ.
سائەت 21:00دە ئويۇن باشلىنىشقا يەنە بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت بار بولسىمۇ، «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» «ھەقىقىي مەنزىرە»لىك تىياتىرخانىنىڭ ئىچى ئادەم بىلەن لىق تولغانىدى، تىياتىردىكى جۇ مۇۋاڭ، شىۋاڭمۇ، زاۋفۇ، بو ياۋ قاتارلىق پېرسوناژلار نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، كۇەيشەن شەكلى ئارقىلىق تىياتىردىكى كىلاسسىك ھەرىكەتلەرنى نامايان قىلىپ، تاماشىبىنلارغا «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» ناملىق تىياتىردىكى پېرسوناژلارنىڭ ئوبراز گۈزەللىكىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى.
سائەت 22:30دا ئويۇن رەسمىي باشلاندى، «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش»، «ئارزۇنى ئات قىلىش»، «ۋەدىنى ھارۋا قىلىش»، «قەلبنى چاق قىلىش»، «ئاسمان- زېمىن بىرلىكتە كۈيلەش»تىن ئىبارەت بەش پەردىلىك كۆرۈنۈشلەردە جوۋ تيەنزىنىڭ غەربكە سەپەر قىلىپ، نۇرغۇن ئازاب- ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرى شىۋاڭمۇ بىلەن كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىق ھېكايىسى نەق مەيداندىكى 3000دىن ئارتۇق تاماشىبىننىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىندى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش»نىڭ 2020- يىلىدىكى تۇنجى مەيدان ئويۇنىدىن بۇيانقى 5- يىلى بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 334 مەيدان قويۇلۇپ، 182 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن كۈتۈۋېلىنغان، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە 41 مىڭ 200 ئادەم ئويۇن كۆرگەن، شۇ جايدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنى 1990دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى 2128دىن ئارتۇق پىراكتىكا ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ساياھەت ۋە يېمەك- ئىچمەك كەسپى كىرىمىنىڭ 70 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. 2023- يىلى «مەملىكەت بويىچە ساياھەت سەرخىل سەنئەت نومۇرى تىزىملىكى»گە تاللىنىپ، مەملىكەت بويىچە ساياھەتتە چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك ھەقىقىي مەنزىرىلىك تىياتىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئۈرۈمچى كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى شا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» كوللېكتىپى بۇلتۇرقى تاماشىبىنلارنىڭ ئىنكاسىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىدىكى سەھنە جابدۇقلىرىنى يېڭىلاپ، ئۇسسۇل تەييارلاش، بەدىئىيلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە سەھنىنىڭ كۆرۈلۈش ئۈنۈمىنى يەنە بىر قېتىم ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ئويۇن كۆرۈش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى. بۇ يىللىق ئويۇن قويۇش پەسلى باشلاندى، بۇ تىياتىر بۈگۈندىن باشلاپ 10- ئايغىچە ھاۋا رايى ئەھۋالىغا قاراپ داۋاملىق قويۇلىدۇ، شەھەر ئاھالىسى، ساياھەتچىلەر ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش مۇلازىمەت سۇپىسى»، ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش»نى قوشۇۋېلىپ توردا بېلەت سېتىۋالسا ياكى «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» ئويۇن نەق مەيدانىدىكى بېلەت سېتىش كۆزنىكىدىن بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ چاڭتۇڭ خەۋىرى)