دىيابېت ئاغرىقلىرى سۈت ئىچسە بولمامدۇ؟
11:53:50 2024-06-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ھەقىقىي ئەھۋال: بۇ خاتا قاراش. دىيابېت ئاغرىقلىرى كالا سۈتى ئىچسە بولىدۇ، چۈنكى كالا سۈتى تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، كالتسىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە، قەنت مىقدارىنى ئاشۇرۇش كۆرسەتكۈچى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، كالتسىي تولۇقلايدىغان ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

بەزى كىشىلەر دىيابېت ئاغرىقلىرى سۈت ئىچسە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ، ئاساسلىقى، سۈت تەركىبىدە لاكتوزا بار، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئەمەلىيەتتە، كالا سۈتىدە لاكتوزىنىڭ قان شېكىرى رېئاكسىيەسى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، ھەتتا گاڭپەن، موما قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ قان شېكىرى رېئاكسىيەسىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ناشتىدا كالا سۈتىگە ئاشلىق تۈرىدىكى ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا، دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشقا ياردىمى بولىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.

دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ كالا سۈتى تاللىغاندا قوشۇمچە ماتېرىياللار جەدۋىلى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلىگە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەگەر شېكەر قوشۇلغان بولسا، بۇنداق كالا سۈتىنى ئاز ئىچىش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: ئىلمىي رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125