بۈگۈن باش شۇجى ئۇلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى
13:30:34 2024-06-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

مەملىكەتلىك پەن- تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 21- قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ 17- قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، دۆلەت ئالىي پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

سۈرەتتە: شى جىنپىڭ 2023- يىللىق دۆلەت ئالىي پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋۇخەن داشۆدىكى ئاكادېمىك لى دېرېنغا مۇكاپات تارقىتىپ بەرمەكتە.

سۈرەتتە: شى جىنپىڭ 2023- يىللىق دۆلەت ئالىي پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋۇخەن داشۆدىكى ئاكادېمىك لى دېرېنغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

سۈرەتتە: شى جىنپىڭ 2023- يىللىق دۆلەت ئالىي پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چىڭخۇا داشۆدىكى ئاكادېمىك شۆ چىكۇنگە مۇكاپات تارقىتىپ بەرمەكتە.

سۈرەتتە: شى جىنپىڭ 2023- يىللىق دۆلەت ئالىي پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چىڭخۇا داشۆدىكى ئاكادېمىك شۆ چىكۇنگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ ئىككىيلەن بىلەن بىللە، دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى، دۆلەت پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەرمەكتە.

ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكى، ۋۇخەن داشۆنىڭ پىروفېسسورى لى دېرېن نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ ئۆلچەش- سىزىش، يىراقتىن سېزىش ئارقىلىق يەر شارىنى كۆزىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقاردى. سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يىراقتىن سېزىش ئارقىلىق پۈتۈن يەر شارى بويىچە يۇقىرى ئېنىقلىقتا ئورۇن بەلگىلەش ھەم خەرىتە سىزىش يادرولۇق تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن، يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى تەسۋىرىنى يۇقىرى ئېنىقلىقتا بىر تەرەپ قىلىشتىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقىچە، كوللېكتىپنى باشلاپ تولۇق ئاپتوماتىك يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئاۋىياتسىيە ۋە يەر يۈزى ئۆلچەش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ «ئالەم بوشلۇقىنى كۈزىتىش- ئۆلچەش» مۇساپىسىدە، لى دېرېن ئەسلا توختاپ قالمىدى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، چىڭخۇا داشۆنىڭ پىروفېسسورى شۆ چىكۇن قېتىشىش ھالىتى فىزىكىسى ساھەسىدىكى داڭلىق ئالىم بولۇپ، كوللېكتىپنى باشلاپ كىۋانت نورمالسىزلىقى خول ئېففېكتىنى تۇنجى قېتىم كۆزىتىپ، گېتېروجۇنكسىيە تېگىشىش يۈزىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سۇپېر توك ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۇنجى قېتىم بايقىدى... ئۇ نۇرغۇن قېتىملىق مۇھىم ئىلمىي بايقاشلار ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ كىۋانت ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ دۇنيا بويىچە بىرىنچى سەپكە كىرىشىگە ياردەم بەردى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى فىزىكا تەتقىقات ئورنىدىن فاڭ جۇڭ، دەي شى، ۋېڭ خۇڭمىڭ، يۈ رۇي، ۋاڭ جىجۈن كوللېكتىپىنىڭ «توپولوگىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق ماتېرىيال ھېسابلاش ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش»تىن ئىبارەت بۇ تەتقىقات نەتىجىسى دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ كوللېكتىپ ئۆزگىچە ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ھېسابلاش- ئالدىن مۆلچەرلەش ئارقىلىق بىر قانچە مۇھىم توپولوگىيەلىك ئېلېكىترونلۇق ماتېرىيال سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بايقاپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى توپولوگىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق ھالەت تەتقىقات ساھەسىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنى بۇ تەتقىقات ساھەسىدە خەلقئارادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

6- ئاينىڭ 22- كۈنى، فاڭ جۇڭ (ئوتتۇرىدا) ۋە كوللېكتىپ ئەزالىرىدىن دەي شى (سولدىن بىرىنچى)، ۋاڭ جىجۈن (سولدىن ئىككىنچى)، ۋېڭ خۇڭمىڭ (ئوڭدىن ئىككىنچى)، يۈ رۇي (ئوڭدىن بىرىنچى) جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا بىللە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

6- ئاينىڭ 22- كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا فاڭ جۇڭ (ئوتتۇرىدا) ۋە كوللېكتىپ ئەزالىرىدىن ۋاڭ جىجۈن (سولدىن بىرىنچى)، ۋېڭ خۇڭمىڭ (سولدىن ئىككىنچى)، دەي شى (ئوڭدىن ئىككىنچى)، يۈ رۇي  (ئوڭدىن بىرىنچى) پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

مۇخبىرلار: جۈ پېڭ، شيې خۇەنچى، جىن لىۋاڭ، شيۇڭ چى

مۇھەررىرلەر: جاڭ يەن، بى شياۋياڭ، يۈ دۇڭشېڭ، لۇ يې، جوۋ دىشياۋ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى فوتو سۈرەت بۆلۈمى ئىشلىگەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 1- خىزمەت ئىشخانىسى چىقارغان

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125