يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ «قىزدۇرۇش» سىنىقى ئالدىدا، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بۇ خاتا قاراشلارنى بىلىۋېلىش كېرەك!
11:53:31 2024-06-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ياز كىرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن جايدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى، يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ «قىزدۇرۇش» سىنىقى ئالدىدا، نۇرغۇن كىشىنىڭ تونۇشىدا خاتالىق كۆرۈلۈپ، ھارارەتنى چۈشۈرۈش تەدبىرىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزدى.

بىز تۇرمۇشتىكى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھارارەتنى چۈشۈرۈشتىكى بەش خاتا قاراشنى ئېنىقلاپ، كۆپچىلىككە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئىلمىي ئۇسۇلدا ئالدىنى ئېلىپ، يازنى ساغلام ئۆتكۈزۈشنى ئەسكەرتىمىز.

بىرىنچى خاتا قاراش: سوغۇق يېمەكلىك، سوغۇق ئىچىملىك ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ھارارەتنى چۈشۈرەلەيدۇ

نۇرغۇن كىشى قۇرۇق ئىسسىق ھېس قىلسىلا، سوغۇق ئىچىملىك ئىچىپ ھارارەتنى چۈشۈرمەكچى بولىدۇ. ئەمما، بۇنداق سالقىنلىق تۇيغۇسى ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ، ئەكسىچە بەدەنگە نۇرغۇن زىيان يەتكۈزىدۇ. چۈنكى، ئادەمنىڭ نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، سوغۇق ئىچىملىك بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىردىنلا تۆۋەنلەپ، ئورگانىزم ئۆزلۈكىدىن ئىسسىقلىقنى سەرپ قىلىپ، نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلايدۇ. شۇڭا، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىش ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى ۋە ئاشقازان- ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ياز پەسلىدە ئىسسىق ئىچىملىكلەرنى كۆپرەك ئىچىپ، تېرىنىڭ تەر ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ، ھارارەتنى چۈشۈرۈش مەقسىتىگە ھەقىقىي يېتىش كېرەك.

ئىككىنچى خاتا قاراش: ئۆي ئىچىدە تۇرسا ئىسسىق ئۆتۈپ قالمايدۇ

ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئادەم تۇرۇۋاتقان مۇھىتنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى، نەملىكى، شامال ئۆتۈشۈش شارائىتى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەرگىزمۇ كۈچلۈك ئاپتاپتا تۇرسىلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالمايدۇ، ئۇزاق ۋاقىت ھىم ئېتىلگەن، شامال ئۆتۈشمەيدىغان، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، نەملىكى يۇقىرى ئۆي ئىچىدە تۇرسىمۇ ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئادەم يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق تالادىن ئۆي ئىچىگە قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆي ئىچىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولغاندا، سوغۇقتىن قورقۇش، قىزىش، قورسىقى ئاغرىپ قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، تەرلىمەسلىك، دېمى سىقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇمۇ ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.

ئۈچىنچى خاتا قاراش: ئىسسىق ئۆتۈپ قالسا پىننە سۈيى ئىچىش كېرەك

پىننە سۈيى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىسى ئەمەس، مۇۋاپىق ئىشلىتىلمىسە كېسەللىك ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. پىننە سۈيىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىلگە مايىل بولۇپ، ياز پەسلىدە تومۇز ئىسسىق، ھۆللۈك ئېشىپ كېتىش، كۆپ تەرلەش، تېرىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرى ئېچىلغاندا ئىسسىقتىن ساقلىنىپ سوۋۇشقا يۈزلىنىش، بىردەم سوغۇق، بىردەم ئىسسىشتىن كېلىپ چىققان بىئاراملىق ئالامەتلىرىگە ماس كېلىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا، كۈچلۈك ئاپتاپتا ھەرىكەت قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشقا پىننە سۈيىنى ئىشلىتىش ماس كەلمەيدۇ، ھەتتا ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، پىننە سۈيى تەركىبىدە ئىسپىرت بولغاچقا، سېرفالوسپورا تۈرىدىكى دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

تۆتىنچى خاتا قاراش: دائىم ئاپتاپتىن ساقلانغاندا كالتسىي كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرىگە چۈشكەندىن كېيىن، ۋىتامىن Dنى بىرىكتۈرۈپ، بەدەندىكى كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر دائىم ئاپتاپتىن ساقلانغاندا ۋىتامىن Dنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كالتسىي كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قاراش خاتا. بىزنىڭ دائىملىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىمىز ئۇنچە قاتتىق ئەمەس، ئۇزاق ۋاقىت ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى پۈتۈنلەي توسۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ۋىتامىن Dنىڭ يېتەرلىك بىرىكمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، تېرە پەقەت سىرتتا قىسقىغىنە بىر نەچچە مىنۇت ئوچۇق تۇرسىلا، ئادەم بەدىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن Dنى بىرىكتۈرەلەيدۇ. شۇڭا، بىز كالتسىي كەملىك مەسىلىسىدىن ئەنسىرەپ، تېرىنى ئۇزاق مۇددەت ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئاستىدا قالدۇرۇپ، تېرىنى قېرىتىپ زىيانغا ئۇچراتمىساقمۇ بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كۆزنى قارىغۇ قىلىپ قويغاندەك ئىش بولىدۇ.

بەشىنچى خاتا قاراش: ياز پەسلىدە «ئاچچىق» يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك

ياز پەسلىدە ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا، بەزى كىشىلەردە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ۋە يۈرەك ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئاچچىق يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى «سوغۇق»قا تەۋە بولۇپ، ئىسسىقنى تارقىتىپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، يۈرەكنى تازىلاپ ھارارەتنى چۈشۈرۈش، ئىشتىھانى ئېچىش ئۈنۈمىگە ئىگە. شۇڭا، «يازدا ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن ياخشى» دېگەن قاراش كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى. لېكىن، زىيادە ئاچچىق تەم ئاشقازان- ئۈچەي يوللىرىنى غىدىقلايدۇ، ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، بوۋاقلار، ياشانغانلار، ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللار، ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرى ئاغرىقلىرى ھەم ئاچچىق تەمگە سەزگۈر كىشىلەرنىڭ زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشى تەۋسىيە قىلمايدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125