شى جىنپىڭ 2024- يىللىق «گۇلىڭ رىشتىسى» جۇڭگو- ئامېرىكا ياشلار ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
20:46:05 2024-06-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2024- يىللىق «گۇلىڭ رىشتىسى» جۇڭگو- ئامېرىكا ياشلار ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 100 يىلدىن ھالقىغان گۇلىڭ رىشتىسى جۇڭگو- ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىدىكى بىر بۆلەك ئېسىل داستان، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ياشلارنىڭ فۇجوۋدا جەم بولۇپ، گۇلىڭ ھېكايىسىنى قايتا ئەسلەپ، گۇلىڭ رىشتىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياشلار ئەڭ جۇشقۇن، ئارزۇغا ئەڭ باي، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. سىلەرنىڭ چوڭقۇر ئالماشتۇرۇپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو- ئامېرىكا دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشۇڭلارنى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە تىنچلىقنى ئورتاق بەرپا قىلىشىڭلارنى، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشۈڭلارنى، گۈللىنىشنى ئورتاق يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 2024- يىللىق «گۇلىڭ رىشتىسى» جۇڭگو- ئامېرىكا ياشلار ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى شۇ كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھىرىدە باشلاندى، پائالىيەتنى جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى، فۇجيەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125