ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ياۋروپا ئىتتىپاقى− ئاسىيا مەركىزىنىڭ رەئىسى ئېرىك سولخېيم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
21:11:05 2024-06-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز  ئۈرۈمچىدە 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى، ياۋروپا ئىتتىپاقى − ئاسىيا مەركىزىنىڭ رەئىسى ئېرىك سولخېيم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۈرۈمچىدە 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو− ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى، ياۋروپا ئىتتىپاقى− ئاسىيا مەركىزىنىڭ رەئىسى ئېرىك سولخېيم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

 ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئېرىك سولخېيم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى− ئاسىيا مەركىزى ئۇزاقتىن بۇيان ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سەھنە ھازىرلاشقا كۈچ چىقاردى، بۇ قېتىم رەئىس جانابلىرىنىڭ ئۆمەك باشلاپ جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغانلىقى ئىشىنىمەنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت تىنچ، ئىتتىپاق، ئىقتىساد گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلىمەكتە، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ. ما شىڭرۇي شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، ئالىي مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى نەتىجىلىرى ۋە ئىستىقبالىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى− ئاسىيا مەركىزى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو− ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى جۇڭگو بىلەن ئاسىيا- ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم سۇپا، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پىلانلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئېرىك سولخېيم مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ ئەزەلدىن ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چۆللىشىشنى تىزگىنلەش ۋە مۇھىتنى قوغداش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى چۈشەندۇق. غەربتىكى قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنى ئەيىبلىشى ۋە چەكلىشىنىڭ پاكىت ئاساسى يوق، ياۋروپا ئىتتىپاقى− ئاسىيا مەركىزى رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ شىنجاڭ بىلەن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئېرىك سولخېيم مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو يەرشارى بويىچە يېشىل ئېنېرگىيە ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلغۇچى، شىنجاڭ يېشىل ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. ياۋروپا ئىتتىپاقى− ئاسىيا مەركىزى «ياۋروپا− ئاسىيانىڭ ئورتاق گۈللىنىش يولىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش»نى ئارزۇ قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ رەقەملىك تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

 چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى− ئاسىيا مەركىزىنىڭ ئالاقىدار ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125