جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى قېنىقلاشتۇرۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شياڭ) 6- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەم تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بويىچە نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش (تەربىيەلەش) يىغىنى چەرچەن ناھىيەسىدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش بويىچە قايتا سەپەرۋەر قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى زىممىگە ئېلىش، دەل جايىدا تۇتۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلىتىمىزنىڭ شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى قېنىقلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىدىكى تەلەپ بويىچە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى توسۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، قۇم مەنبەسىنىڭ كېڭىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلىپ، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئورنىنى دەل جايىدا تېپىپ، «بىر چەمبەر، ئىككى رايون، ئۈچ لىنىيە»دە نۇقتىلىق تىزگىنلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاپەت ئەھۋالىغا قاراپ مۇداپىئەلىنىپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، قۇمنى ئىلمىي تىزگىنلەپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشكە پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، يورۇقلۇق ۋولت + قۇمنى تىزگىنلەش، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش + جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۇلاش، ئۆستۈرۈش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى + قۇمنى تىزگىنلەش، ئاۋۋال ئورمان بىنا قىلىپ، ئاندىن ئېتىز بەرپا قىلىش، ھەم قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تىزگىنلەش، ھەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئەندىزىلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، «جەنۇبتا گىرۋەكنى توسۇش، شەرقتە كېڭەيتىش، شىمالدا ئاشۇرۇش، غەربتە قوغداش، ئوتتۇرىدا توسۇپ زەربە بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشتىكى ئۆرنەك ۋە ئۈلگە بەرپا قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن مەبلەغ، سۇ ئىشلىتىش، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدەپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە مەدەت بېرىشىگە دائىر توققۇز تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش،قۇم تىزگىنلەشتىكى «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئالاقىدار قوللاش سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاددىي قۇرۇلۇش لايىھەسى، ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن ئەڭ ئاساسلىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىشى كېرەك، بىڭتۇەن ۋە يەرلىك بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن جەمئىيەت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشكە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىلىدىكى 1- نومۇرلۇق باش ئورمان باشلىقى بۇيرۇقى ئوقۇپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەم تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى قوماندانلىق ئىشتابىنى تەشكىللەش لايىھەسى ئېلان قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئۈچ تەرەپ مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى.
دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش مەھكىمىسىدىكى مەسئۇل يولداش سۆز قىلدى. مەردان مۇقىيىت رىياسەتچىلىك قىلدى، ليۇ شىنجيەن قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلىرىدىكى يولداشلار ئالاقىدار سىياسەتلەر توغرىسىدا كونسۇلتاتسىيە قىلدى ۋە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى.
يىغىندىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار چاقىلىق، چەرچەنگە چوڭقۇر چۆكۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشكە دائىر بىر قىسىم تۈرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.