شىنجاڭ توققۇز تۈرلۈك تەدبىر ئېلان قىلىپ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە مەدەت بەردى
23:33:42 2024-06-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر ساۋ خۇانىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەم تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بويىچە نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش (تەربىيەلەش) يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستقا قارىتا توققۇز تۈرلۈك مەدەت بېرىش تەدبىرىنى تۈزۈپ ئېلان قىلغان.

بۇ توققۇز تۈرلۈك تەدبىر مەبلەغ كاپالىتى، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بويىچە ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بويىچە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى، يورۇقلۇق ۋولت تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش تۈرى بويىچە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، قۇمنى تىزگىنلەش تۈرى بويىچە بېسىلىپ قالغان رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ھەم قۇملاشقان يەرنى دائىرىلىك توسۇپ قوغداش رايونىدا ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش، تەدبىرلەرنى گىرەلەشتۈرۈش ھەم ئورمان بىنا قىلىش، باشقۇرۇش، قوغداش ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىشكە رۇخسەت قىلىش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بويىچە پەن- تېخنىكا تىرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«توققۇز تۈرلۈك تەدبىر بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىبارەت بەش ۋىلايەت، ئوبلاستقا قارىتىلغان.» ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى قوغداش- ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ جېنشى مۇنداق دېدى: تەدبىرلەرنىڭ سالمىقى مىسلىسىز بولدى.

مەبلەغ كاپالىتى جەھەتتە. ئاپتونوم رايون مالىيەسى 2024- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 1 مىليارد يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش تۈرلىرىگە ئىشلىتىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاۋۋال ئىشلەپ ئاندىن تولۇقلىما بېرىش، ياخشى ئىشلىسە يەنە تولۇقلىما بېرىش، ياردەم پۇلى ئورنىغا مۇكاپات بېرىش، «ئالدىن تەقسىملەپ بېرىش + راسچوت قىلىش» شەكلىنى قوللىنىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولسا ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن راسچوت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ جەھەتتە. قۇملۇق گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى ۋە قۇملۇق گىرۋىكىنى قاشالايدىغان ئورمان، ئوتلاق بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا سۇ ئىشلەتكەندە، ئىشلىتىلگەن سۇنىڭ مىنېراللىشىش دەرىجىسى ئىككى گىرام/لىتىردىن ئاز بولسا ئومۇمىي سۇ ئىشلىتىش مىقدارىغا كىرگۈزۈلمەي، ئايرىم ئىستاتىستىكا قىلىنىدۇ. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بويىچە ئېكولوگىيەگە سۇ ئىشلىتىش ئۈچۈن يەر ئاستىدىكى قىرتاق سۇنى قازغان بولسا، 30 يىل ھۆددىگە ئالغان يەردە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ بويىچە ھەر كۇب مېتىرىغا 0.03 يۈەن سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىنىدۇ؛ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بويىچە ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى تەمىنلەش چېكى ئىچىدىكى يەر ئۈستى سۈيىدىن ۋاقتىنچە سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىنمايدۇ.

يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى جەھەتتە. دۆلەت ئىلكىدىكى قۇملاشقان يەردىن پايدىلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا، 70 يىلدىن ئېشىپ كەتمىگەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشتە قانۇن بويىچە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلەرگە قارىتا، رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىشنى بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ. شۇ جايدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كەنتكە بىرقەدەر يېقىن قۇملۇق رايوندا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بىلەن ئالدىن شۇغۇللىنىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىگە، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇ، توك، يول ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشتىكى ئاساسىي گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى رايونىدا ھىدروگېن ئىشلەش، يېشىل ھېسابلاش كۈچى قاتارلىق يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىپ، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش تۈرىنىڭ ئىشلىتىلىش بوشلۇقى كېڭەيتىلىدۇ؛ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە كىرگۈزۈلگەن يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىققا ئالاقىدار تۈرلەرنى مۇھىت تەسىرى بويىچە باھالاش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ھەم قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى دائىرىلەپ قوغداش رايونىدا تەلەپ بويىچە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇۋاپىق قانات يايدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تاماملانغان ھەم خەرىتىگە چۈشۈرۈلگەن قۇملىشىپ كەتكەن يەرلەردە بىنا قىلىنغان سۈنئىي ئورمان (چاتقال ئورمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا قارىتا، ئۇدا ئۈچ يىل كېيىنكى قەدەمدىكى پەرۋىش ياردەم پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭىدىن بىنا قىلىنغان ئورمانلارنى كۈندىلىك پەرۋىش قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىش قاتارلىقلار تېزلىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125