تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بولدى
11:52:59 2024-06-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 2017- يىلى، ئۇ بېيجىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىپ، تۆت سائەت 23 مىنۇت 43 سېكۇنتلۇق نەتىجە ياراتتى؛ 2020- يىلى نەنجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى سائەت 25 مىنۇت 55 سېكۇنتلۇق ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بىلەن مۇسابىقىنى تاماملىدى. پارىژ ۋاقتى 8- ئاينىڭ 10- كۈنى، بېيجىڭلىق 39 ياشلىق تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى لۇەن يۈشۇەي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاممىۋى گۇرۇپپىنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ ئادەتتە تېز يوللانمىنى يۈگۈرۈپ يەتكۈزىدۇ، مۇشۇنداق يۈگۈرۈپ يۈرۈپ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بولدى. 

 2024- يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاممىۋى گۇرۇپپىنىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تەسىس قىلىندى، پۈتۈن يەر شارى بويىچە 800 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تىزىمغا ئالدۇردى، ئاخىرىدا پەقەت 40 مىڭدىن ئارتۇق يۈگۈرگۈچىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چەك چىقتى، لۇەن يۈشۇەي شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

لۇەن يۈشۇەي پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئەۋەتكەن پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاممىۋى گۇرۇپپىسىنىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان چەك چىققانلىقى توغرىسىدىكى پوچتا يوللانمىسىنى كۆرسەتمەكتە.

 لۇەن يۈشۇەي جىڭدۇڭنىڭ تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىسى، جىڭدۇڭ 2017- يىللىق بېيجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئەشيا ئوبوروت ياردەم بەرگۈچى سودىگەر بولغاچقا، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بىلەن رىشتى چىگىلىپ، ياردەم بەرگۈچى سودىگەرلەرگە بېرىلىدىغان قىممەتلىك بىر سانغا ئېرىشكەن.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، لۇەن يۈشۇەي بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا تېز يوللانما يەتكۈزمەكتە.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، لۇەن يۈشۇەي بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا بىناغا تېز يوللانمىنى يۈگۈرۈپ يەتكۈزمەكتە.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، لۇەن يۈشۇەي بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا تېز يوللانما يەتكۈزمەكتە.

 گەرچە جىلىن جىئەندىكى يۇرتىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، لۇەن يۈشۇەي مەكتەپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن مارافونچە يۈگۈرۈپ باقمىغان، سىناپ بېقىش ئويى بىلەن، ئۇ بېيجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان. كۈندۈزى تېز يوللانما يەتكۈزسە، كەچتە ۋاقتى بولسىلا سىرتقا چىقىپ بىردەم يۈگۈرگەن، ئەمما ۋاقىت قىس، خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا، بېيجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ئۇ 70 - 80 كىلومېتىرلا مەشىق قىلالىغان.

 لۇەن يۈشۇەي «مۇسابىقىنى تاماملىساملا بولدى» دېگەن روھىي ھالەتتە، مۇسابىقە يولى بويىدىكى خىزمەتداشلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن تۆت سائەت 23 مىنۇت 43 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنى تاماملىغان. «مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش نومۇرۇم F2343 ئىدى، نەتىجەم دەل 4 سائەت 23 مىنۇت 43 سېكۇنت بولدى، مارافونچە يۈگۈرۈشكە قاتنىشىش پېشانەمگە پۈتۈلگەن بولسا كېرەك»، دېدى لۇەن يۈشۇەي.

 كۈندۈزى يۈگۈرۈپ تېز يوللانما يەتكۈزىدۇ، كەچتە يۈگۈرۈپ مەشىق قىلىدۇ، ھازىرغا قەدەر پۈتۈن مۇساپىلىك ۋە يېرىم مۇساپىلىك مۇسابىقىلەرنى قوشقاندا، لۇەن يۈشۇەي 40 نەچچە مەيدان مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، لۇەن يۈشۇەي بېيجىڭ ئولىمپىك ئورمان باغچىسىدا يۈگۈرۈپ مەشىق قىلماقتا.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، لۇەن يۈشۇەي بېيجىڭ ئولىمپىك ئورمان باغچىسىدا يۈگۈرگەندىن كېيىن پەي سوزۇش ھەرىكىتى ئىشلىمەكتە.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، لۇەن يۈشۇەي بېيجىڭ ئولىمپىك ئورمان باغچىسىدا يۈگۈرگەندىن كېيىن پەي سوزۇش ھەرىكىتى ئىشلىمەكتە.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، بېيجىڭ ئولىمپىك ئورمان باغچىسىدا، لۇەن يۈشۇەي (ئوڭدا) يۈگۈرۈش مەشىقىدە ئايالىنىڭ قولىدىن تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىملىكىنى ئالماقتا.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، بېيجىڭ ئولىمپىك ئورمان باغچىسىدا، لۇەن يۈشۇەي يۈگۈرۈش مەشىقىدىن كېيىن سۇ تولۇقلاۋاتىدۇ.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، لۇەن يۈشۇەي بېيجىڭ ئولىمپىك ئورمان باغچىسىدا مەشىق قىلغاندىن كېيىن ئارام ئالماقتا.

 2021- يىلى، لۇەن يۈشۇەي پارىژ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاسادىپىي كۆرۈپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغۇسى يوق ئىدى، شۇنىڭ بىلەن تەرجىمە يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق تىزىملىتىش تەلىپىنى ئوقۇپ، تەنھەرىكەت خاتىرىسىنى يوللاپ، چەك تارتىش ئۈچۈن جۇغلانما نومۇر توپلىدى ... بۇ يىل باھار بايرىمىنىڭ ھارپا ئاخشىمى لۇەن يۈشۇەي ئاخىرى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ پوچتا يوللانمىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، ئۇ 40 مىڭدىن ئارتۇق تەلەيلىك ئادەمنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، لۇەن يۈشۇەي بېيجىڭ ئولىمپىك ئورمان باغچىسىدا يۈگۈرۈشتىن بۇرۇن بەدەن قىزىتماقتا.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، لۇەن يۈشۇەي بېيجىڭ ئولىمپىك ئورمان باغچىسىدا يۈگۈرۈپ مەشىق قىلماقتا.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، لۇەن يۈشۇەي بېيجىڭ ئولىمپىك ئورمان باغچىسىدا يۈگۈرۈپ مەشىق قىلماقتا.

 «ئىلگىرى تېلېۋىزوردا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرەتتىم، ئۆزۈمنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىمنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىدىم»، لۇەن يۈشۇەينىڭ چېھرىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى، «ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى، مېنىڭچە، دەل ئولىمپىك روھىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. يېقىندا ئۆزۈمنىڭ ھالىتىنى ياخشى تەڭشەيمەن. پارىژغا بارغاندىن كېيىن، مەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا باسقان ھەر بىر قەدەمدىن ھۇزۇرلىنىمەن».

 فوتوگراف: جۈ خۇەنزۇڭ

 مۇھەررىرلەر: لو يۈەن، سۇڭ يەنخۇا، دىڭ شۈ

 پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125