چاڭئې 6- نومۇرنىڭ قايتىش ئۈسكۈنىسى بىخەتەر قوندى
22:01:10 2024-06-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

چاڭئې 6- نومۇرنىڭ قايتىش ئۈسكۈنىسى بىخەتەر قوندى
دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 6- نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

دىڭ شۆشياڭ بېيجىڭدا قونۇش، قايتۇرۇپ كېلىنىش ئەھۋالىنى كۆردى

 تەبرىك تېلېگراممىسى

 ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 6- نومۇر ۋەزىپىسى قوماندانلىق ئىشتابى ھەم ۋەزىپىگە قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا:

 ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 6- نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشال بولدۇم، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سىلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

 چاڭئې 6- نومۇر ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، دۆلىتىمىز ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجە. 20 يىلدىن بۇيان، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە تەتقىق قىلىپ ياساش، قۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق يولداشلار ئاينى تەكشۈرۈش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن- تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاي شارىنى تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يولىنى ئاچتىڭلار. سىلەرنىڭ قوشقان گەۋدىلىك تۆھپەڭلارنى ۋەتەن ۋە خەلق مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ!

 سىلەرنىڭ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ئىلمىي تەتقىقاتىنى كۆڭۈل قويۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالەم قاتنىشىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى سىجىل ياخشى يولغا قويۇپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يەنە يېڭى نەتىجە يارىتىشىڭلارنى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 شى جىنپىڭ

 2024- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى)

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 14تىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭئې 6- نومۇرنىڭ قايتىش ئۈسكۈنىسى ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئېلىنغان ئاي شارى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ ئىچكى موڭغۇل دۆربۈد خوشۇنىدىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن رايونغا بىخەتەر قوندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 6- نومۇر ۋەزىپىسى قوماندانلىق ئىشتابى ھەم ۋەزىپىگە قاتناشقان بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

 شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: چاڭئې 6- نومۇر ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، دۆلىتىمىز ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجە. 20 يىلدىن بۇيان، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە تەتقىق قىلىپ ياساش، قۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق يولداشلار ئاينى تەكشۈرۈش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن- تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاي شارىنى تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يولىنى ئاچتىڭلار. سىلەرنىڭ قوشقان گەۋدىلىك تۆھپەڭلارنى ۋەتەن ۋە خەلق مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىلەرنىڭ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ئىلمىي تەتقىقاتىنى كۆڭۈل قويۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالەم قاتنىشىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى سىجىل ياخشى يولغا قويۇپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يەنە يېڭى نەتىجە يارىتىشىڭلارنى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدە چاڭئې 6- نومۇر ۋەزىپىسىدىكى قايتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ يەرگە قونۇش، قايتۇرۇپ كېلىنىش ئەھۋالىنى كۆردى.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ نەق مەيداندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.

 چاڭئې 6- نومۇر ۋەزىپىسى بويىچە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 53 كۈن، 11 ئۇچۇش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاي شارىنىڭ تەتۈر يۆنىلىش ئوربىتىسى بويىچە لايىھەلەش ۋە كونترول قىلىش، ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز سۈرئەتتە ئەۋرىشكە ئېلىش، ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئۇچۇپ يۇقىرىغا ئۆرلەش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن تۇنجى قېتىم ئاي شارى ئەۋرىشكىسىنى ئالدى ھەم تۆت خەلقئارالىق يۈكنى ئېلىپ، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125