ماشىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف بىلەن كۆرۈشتى
22:32:07 2024-06-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ماشىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف بىلەن كۆرۈشتى

لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

6- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا -ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: زۇڭلى جانابلىرى بۇلتۇر 10- ئايدا ۋە بۇ يىل 3- ئايدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۆمەك باشلاپ جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. ئۆزبېكىستان بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىكى ئاساسلىق مېھمان دۆلەت، زۇڭلى جانابلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆمەك باشلاپ قاتناشقانلىقى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بىز بۇنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ھەم ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئورتاق مەنپەئىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستان تەرەپ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى باشتىن- ئاخىر رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە، تېخىمۇ زور بوشلۇق ئېچىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يېقىندا، جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى بويىچە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا كېلىشىم رەسمىي ئىمزالاندى، بۇ قۇرۇلۇش تەسەۋۋۇردىن رېئاللىققا ئايلىنىپ، بىزنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. جۇڭگو شىنجاڭ دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئالاقە، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، ئۈچ دۆلەت ۋە ئۈچ دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ ئىستراتېگىيەلىك يولنىڭ بالدۇرراق پۈتۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يېتەكلەپ ياراتقان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى مۇھىتىدىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىساد- سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، پەن- مائارىپ، داۋالاش، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ باشقا رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 ئارىپوف مۇنداق دېدى: دائىملىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى ساقلاش ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئورتاق چىڭ تۇرۇشىغا ئايلاندى. ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ يەرلىكلەر ئارا كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورناتقان قويۇق دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن بولغان. ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد- سودا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتىشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئۆزبېكىستان نۇرغۇن كارخانىنى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئېنېرگىيە، كانچىلىق، دورا ياساش، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ يەنىمۇ شارائىت يارىتىپ، بانكا، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقلەر ئارىسىدىكى بېرىش- كېلىشكە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ، ئۆزبېكىستان- جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىغا ئورتاق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئالاقىدار تارماق، ئوبلاست، شەھەر، جەمئىيەت ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125