ماشىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز تاجىكىستاننىڭ 1- مۇئاۋىن زۇڭلىسى خولىكزودا بىلەن كۆرۈشتى
22:39:47 2024-06-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ماشىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز تاجىكىستاننىڭ 1- مۇئاۋىن زۇڭلىسى خولىكزودا بىلەن كۆرۈشتى

لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

6- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن تاجىكىستاننىڭ 1- مۇئاۋىن زۇڭلىسى خولىكزودا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن تاجىكىستاننىڭ 1- مۇئاۋىن زۇڭلىسى خولىكزودا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي خولىكزودا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ تاجىكىستاننى ئىزچىل تۈردە سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ھەمراھ، دەپ قاراپ كەلدى. بۇلتۇر 11- ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى تاجىكىستاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە يېڭى ھەمكارلىقنى باشلايدۇ. ھازىر، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتى ئېشىپ، دەرىجىسى ئۆسۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاجىكىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىلدى. بۇلتۇردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، بولۇپمۇ ئىمپورت- ئېكسپورت سودا سوممىسىنىڭ ئېشىشى گەۋدىلىك بولدى. شىنجاڭ دەل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتۇق، تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىمىز يېڭى، كەڭ پۇرسەتكە يۈزلەندى. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد- سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاراسۇ پورتىنى ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزئارا بېرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، كارخانىلارنىڭ سېلىنما ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغداپ، رايونلارنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە جۇڭگو- تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 خولىكزودا مۇنداق بىلدۈردى: تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بىر- بىرىگە يۈكسەك ئىشىنىدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، تاجىكىستان تەرەپ قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى كۆزنەك بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاجىكىستان بىلەن قاتناش، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، پەن- تېخنىكا، ئادىمىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل تېز تەرەققىي قىلدۇردى. جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا پايدا- مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم سۇپا. ئىككى تەرەپنىڭ رەقەملىك ئۇچۇر، ئېلېكتىرون، ئۇل ئەسلىھە، بىناكارلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تاجىكىستان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىللە تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە خىزمەتلەردە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

 تاجىكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125