ماشىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جۇمانغارىن بىلەن كۆرۈشتى
22:50:06 2024-06-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ماشىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جۇمانغارىن بىلەن كۆرۈشتى

لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

6- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جۇمانغارىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جۇمانغارىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي جۇمانغارىننىڭ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كەلگەنلىكىنى ھەم جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. قازاقىستان بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىكى ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇئاۋىن زۇڭلى جانابلىرىنىڭ ئۆمەك باشلاپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشى مۇقەررەر جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دۆلىتىڭلار بىلەن يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئاچىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە زۇڭتۇڭ توقايېۋنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. جۇڭگو شىنجاڭ جۇڭگو- قازاقىستان ھەمكارلىقىدا تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە، بۇلتۇردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭ بىلەن قازاقىستان تەرەپتىكى ھەرقايسى قاتلام، دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارىتى، ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، سودا كۆلىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى. بىز بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ۋە 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو- قازاقىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى سىجىل مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، ھەمكارلىق سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، چۆچەك- ئاياگۇز تۆمۈريولى قاتارلىق پورتلارنىڭ قاتنىشىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، قازاقىستان تەرەپ بىلەن جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ رايونلىرىنىڭ يېڭى ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن 30 يىلى»غا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ قوشىمىز.

 جۇمانغارىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىساد- سودا ھەمراھى، شىنجاڭ قازاقىستان- جۇڭگو ھەمكارلىقىدىكى مەركىزىي رايون. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى بىزنىڭ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىمىزگە ياخشى ئاساس سالدى. ئۆتكەن بىر يىل قازاقىستان تەرەپ بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ ئۆزئارا قويۇق زىيارەتتە بولغان بىر يىل، چوڭقۇر ھەمكارلاشقان بىر يىل بولدى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە تېخىمۇ يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. قازاقىستان تەرەپ كۆرگەزمە، بولۇپمۇ 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو- قازاقىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدا، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاشلىق، گۆش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئاپتوموبىل سودىسى ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، قازاقىستان- جۇڭگو 3- تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۆمۈريولنىڭ تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە يۈك تىرانسپورت كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، ئىنچىكە پىششىقلاش ساھەسى، ئەشيا ئوبوروتى سودىسى، داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە ساياھەت، چېگرا ھالقىغان دەريا- ئېقىنلارنى قوغداش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستانغا كېلىپ پائال مەبلەغ سېلىشىنى، يەرلىكنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

 قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلىرى، ئوبلاست، شەھەرلىرى، كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ياڭ شيۇلى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125