پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش
10:37:59 2024-06-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك پەن- تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

 پەن- تېخنىكا گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ، پەن- تېخنىكا كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پەن- تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىشقا تايىنىش كېرەك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈشكە تايىنىش كېرەك. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 6- ئاينىڭ 24- كۈنى، مەملىكەتلىك پەن- تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 21- قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ 17- قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق پەن- تېخنىكا كاتتا مەرىكىسى بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، دۆلەت ئالىي پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز پەن- تېخنىكىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پەن- تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدىكى مۇھىم رولىنى مۇپەسسەل بايان قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ ئاساسىي ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پەن- تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

 پارتىيەمىز پەن- تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭ يۈزلىنىشنى كۆزىتىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئاساسنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق پىلانلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى، دۆلىتىمىز پەن- تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى. كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كىراخمال قىلىپ بىرىكتۈرۈپ، «تېخنىكىلىق ئىجادىيەت»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن دۇنيا بويىچە تۇنجى 4- ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى سودا تىرانسپورتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكىچە، يەنە توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشقىچە... دۆلىتىمىزنىڭ ئۇل ئالدىنقى قاتار تەتقىقاتىدا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى تېخنىكا ساھەسى يېڭى ھالقىشنى كۈتۈۋېلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى، پەن- تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، خەلقئارا ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

 پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، «تۆتكە يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، مائارىپ، پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، پەن- تېخنىكا بويىچە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر يەكۈنلىگەن بۇ «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم تەجرىبىسى يېڭى دەۋر پەن- تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدە پارتىيەمىزنىڭ قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى بولۇپ، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

 ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى بىلەن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رىقابىتى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، 2035- يىلىغا بارغاندا پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جەزمەن پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، پەن- تېخنىكا رىقابىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەش كېرەك. «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم تەجرىبىسىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن- تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، پەن- تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە پەن- تېخنىكا رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىدىغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى ۋە جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلساقلا، پەن- تېخنىكىنىڭ جان تومۇرى ۋە تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

 دۆلىتىمىزنى پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئىجتىھات بىلەن ئىزدەنگەن ئارزۇسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىز قۇرۇپ چىقماقچى بولغان پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، «دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان پەن- تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تىرەك بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، «قۇدرەتلىك ئۇل تەتقىقات ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى» «قۇدرەتلىك ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى» «قۇدرەتلىك خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچى» «كۈچلۈك يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە توپلاش ئىقتىدارى» «كۈچلۈك پەن- تېخنىكا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى» قاتارلىق بەش جەھەتتىكى ئاساسىي ئامىلنى جەزمەن ھازىرلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، بىزنىڭ پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ھازىر پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پەقەت 11 يىل ۋاقىت قالدى. بىز «پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك»تەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى، «ئون يىلدا بىر خەنجەر تاۋلاپ چىقىش»تەك قەتئىي ئىرادە ۋە قەيسەر ئىرادە بىلەن قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

 ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پەن- تېخنىكا ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ئورۇنغا ۋە تۈپ تىرەكلىك رولىغا ئىگە؛ پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، «تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى»، پەن- تېخنىكا سېپىدە مۇھىم ۋەزىپە زىممىمىزدە، بۇرچ شەرەپلىك! بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغۋار غايە، جەسۇرانە ئىرادە تىكلەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى جاسارەت بىلەن ياخشى ئۆتكۈزۈپ، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125