يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتەيلى
11:03:37 2024-06-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

 شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

 تارىخنىڭ سائەت ئىسترېلكىسى يېڭى شىكالىنى كۆرسەتتى. بۈگۈن، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق باشلاندى، بىز كاتتا كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، كۆرگەزمىگە قاتناشقان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

 بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىغان، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ھەمدە 3- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بىر نۆۋەتلىك كۆرگەزمە، شۇنداقلا 2023- يىلى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىنغان، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغاندىكى بىر نۆۋەتلىك كۆرگەزمە. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، مىسلىسىز كەڭ قورساقلىقى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان سالاپىتى ئارقىلىق، جاي- جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 بۇ قېتىمقى كاتتا كۆرگەزمە شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدىكى بىر زور ئىش، ئۇنىڭدا ھەم تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى ئىتتىپاقلىق- ئىناقلىق، ئېچىۋېتىش- تەرەققىياتتىكى مول نەتىجىلەر نامايان قىلىنىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى يۈكلەنگەن؛ ھەم جۇڭگو بىلەن ئاسىيا- ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق رايون ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا- ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى»نىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.

 بۇ، يېڭى پۇرسەت ئارقىلىق ھەمكارلىق ئۇل تېشىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان كاتتا كۆرگەزمە. يەرشارىۋى ئىقتىساد ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، دۆلەت ئەڭ كۆپ، مەدەنىيلىكى ئەڭ كۆپ خىللىققا ئىگە رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، يېڭى ۋەزىيەت ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ زىچ قول تۇتۇشۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى ئورتاق قوغدىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلۈشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەمەلىي سۇپا ھازىرلاپ بېرىدۇ، ئورتاق تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت يولى، ھەمكارلىق يولى، گۈللىنىش يولى ئېچىپ بېرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

 بۇ، يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى ئارقىلىق يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتىدىغان كاتتا كۆرگەزمە. رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە، ئاسىيا- ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئارقىلىق تېخنىكا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى ئورتاق يارىتىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشقىلى بولىدۇ. شۇنداقلا، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا پۇختا ئاساس سالىدۇ، ھەم مۇقەررەر ھالدا يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

 بۇ، شىنجاڭنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىدىغان كاتتا كۆرگەزمە. «جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى سۇپا قىلىپ، تىنچلىق ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئوچۇق- سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاسىيا- ياۋروپا ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.» 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇق ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە. ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇش ئۇرۇپ تۇرغان تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش «ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان، سودا كارۋانلىرى ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان» يىپەك يولىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تەدبىر ۋە ئۈنۈملۈك يول بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت.

 دېڭىز بىپايان كۆرۈنمەس چېتى، مەنزىلگە قاراپ ماڭىمىز تېخى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يىپەك يولى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە تېخىمۇ كۆپ كۈچنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشىدۇ.

 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125