6- ئاينىڭ 26- كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى كۆرگەزمە قىلغان دۇنيا بويىچە تۇنجى يوللاش تېرمىنالى 12 مىليون كىلوۋات\ ± 1100 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك ئالماشتۇرۇش تىرانسفورموتور مودېلىنىڭ ئالدىدا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئىگىلىمەكتە.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى) 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا- ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» باش تېما قىلىنغان 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ئېچىلغان تۇنجى كۈنى، تۈرلۈك يۇقىرى پەن- تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى، تۈرلۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ھەرقايسى كۆرگەزمە سۇپىلىرىدىكى مەدەنىيەت كۆرىكى كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلارنى جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك پات- پات توختاپ تاماشا قىلدى. پەن- تېخنىكا بىلەن مەدەنىيەت 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە گىرەلىشىپ، ئۇچرىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
6- ئاينىڭ 26- كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر دۇڭگۇەن شەھىرى باۋيۈن ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىكىش ئۈسكۈنىسىنى كۆرسەتمەكتە.
6- ئاينىڭ 26- كۈنى، قازاقىستاندىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر شاڭخەي دېچېڭ جۇبو پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا كىچىك تىپتىكى سوغۇق كاتودلۇق X نۇرى ئەسۋابى مەھسۇلاتىنى چۈشىنىپ باقماقتا.
6- ئاينىڭ 26- كۈنى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ زال سىرتىدىكى ئېغىر تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمە رايونىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
6- ئاينىڭ 26- كۈنى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تۈرلۈك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئىگىلىمەكتە.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)