8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە نەزەر | كۆرگەزمىدىكى «پەن- تېخنىكا تۈسى»
16:46:29 2024-06-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

6- ئاينىڭ 26- كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، خىزمەتچى خادىم كۆرۈرمەنلەرگە بېتون سۈپىتىنى ئالاھىدە تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمىنى تونۇشتۇرماقتا.

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا) 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. كۆرگەزمە سارىيىنى ئايلانغاندا، بېتون سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈلگەن كۆكتات، چارلاپ تەكشۈرگۈچى ماشىنا ئىت ... پەن- تېخنىكا تۇيغۇسى كۈچلۈك كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى، ھەممىلا يەردە پەن- تېخنىكىنىڭ كۈچى نامايان بولدى.

6- ئاينىڭ 26- كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، شەندۇڭ لوشى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ماشىنا ئادەم موي قەلەمدە خەت يازماقتا.

6- ئاينىڭ 26- كۈنى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، بېيجىڭ جىشىڭجې پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى كۆرۈرمەنلەرگە يەر سۈپۈرۈش، يەر يۇيۇش، چاڭ- توزان تازىلاش بىر گەۋدە قىلىنغان ماشىنا ئادەمنى تونۇشتۇرماقتا.

6- ئاينىڭ 26- كۈنى، جۇڭگو شەرق ئېلېكتىر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، خىزمەتچى خادىملار كۆرۈرمەنلەرگە جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكى 10 مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇق بۇرغىلاش ماشىنىسى ئۈسكۈنىسىنى تونۇشتۇرماقتا.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125