5- ئايدىن بۇيان، «قەشقەر قەلبى» ناملىق چوڭ تىپتىكى كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر ھەر كۈنى كەچتە مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى سەھنىسىدە ۋاقتىدا قويۇلدى. سەھنە چىراغلىرىنىڭ يورۇتۇشى بىلەن، تاماشىبىنلار خۇددى ۋاقىتنى كېسىپ ئۆتۈپ، تارىخنىڭ جانلىق كارتىنىسىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدى. ئارتىسلار سەھنە كىيىملىرىنى كىيىپ، ئېسىل ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئارقىلىق قەدىمكى يىپەك يولىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدەك كاتتا مەنزىرىنى جانلىق نامايەن قىلدى. بۇ تىياتىرنىڭ 2.0 نۇسخىسىدا «يىپەك يولىدىكى چوڭقۇر مۇھەببەتنى قايتا نامايان قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشنى ئورتاق بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىنىپ، ئۇسسۇل شەكلى بىلەن تىياتىر شەكلى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بۇزۇپ تاشلىنىپ، تاماشىبىنلارغا مۇكەممەل ھېكايىنى بايان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تىياتىرنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى 7- ئايدا رەسمىي قويۇلىدىكەن.
مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان كۆرۈش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمى زىياپىتى بىغىشلىدى، تېخىمۇ مۇھىمى، قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت ئالاقىسىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، خەلقئارا مەدەنىيەت، ساياھەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېپيېڭى ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.
گۇاڭدۇڭلۇق ساياھەتچى جاڭ چيۇيۈن تۇنجى قېتىم قەشقەرگە كەلدى، ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ساياھەت قىلىپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ ئېسىل تائاملىرىنى تېتىدى، يەنە مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا كېلىپ، ئالقىشقا ئېرىشكەن چوڭ تىپتىكى تىياتىر نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، قويۇق مەدەنىيەت ۋە سەنئەت سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى خەلقئارالاشتى، مەن قەشقەرنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم، ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداشلارلا ئەمەس، يەنە چەت ئەلدىكى دوستلارمۇ قەشقەرنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى ۋە مول ساياھەت بايلىقىغا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىدى.
2023- يىلى 11- ئايدا تەستىقلىنىپ تەسىس قىلىنغان جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەرنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت غايەت زور پۇرسەتكە ئىگە قىلدى، سىياسەتنىڭ پايدىسى، بايلىقنىڭ پايدىسى داۋاملىق قويۇپ بېرىلدى؛ بۇ يىل، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى ئېففېكتى ۋە تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى قاتارلىق چوڭ- چوڭ پائالىيەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى سىجىل جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.
قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى مەدەنىيەت- سەنئەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مى پېڭفېي مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە بىز تۈرلۈك مەدەنىيەت بايرىمى پائالىيىتى، سەنئەت نومۇرلىرى، خەلق ئۆرپ- ئادەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قەشقەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى ۋە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى يەنىمۇ نامايان قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونى قەشقەر شەھىرى رايون بۆلىكىنى پۇرسەت بىلىپ، خەلقئارا ساياھەت ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قەشقەرچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تېخىمۇ كۆپ ساياھەت مەھسۇلاتى ۋە لىنىيەسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت بايلىقىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ گۈزەل زېمىننى چۈشىنىش ۋە ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
(قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاڭ يۆجياۋ، مەمەتساۋۇت خەۋىرى)