6- ئاينىڭ 25- كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ نەنخۇ ساياھەت ئىستىراھەت رايونى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمۈپ، قىزغىن كەيپىيات ئەۋج ئېلىپ، 11- نۆۋەتلىك ئۆرۈك بەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق باشلاندى، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر ناخشا- ئۇسسۇلدىن بەھرىلىنىپ، ئۆرۈك تېتىپ، كېلىشىم ئىمزالىدى. بىر مەيدان كاتتا يىغىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتى مول ھوسۇل شادلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شادىمان ناخشا- ئۇسسۇل، ئۆزگىچە يەرلىك ئەلنەغمە قاتارلىق نومۇرلار نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان كۆرۈش- ئاڭلاش زىياپىتى بېرىپ، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.