شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۈي شەھىرى جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى
21:15:10 2024-06-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۈي شەھىرى جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە شېزۇ يۇرتى جىڭنىڭنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك

جاۋاب خەت

 جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما:

 جىڭنىڭنىڭ ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

 40 يىلدىن بۇيان، جىڭنىڭ ناھىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خاس تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

 يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئورتاق بېيىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە شېزۇ يۇرتى جىڭنىڭنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 شى جىنپىڭ                              

2024- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى)

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۈي شەھىرى جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، جىڭنىڭنىڭ ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جىڭنىڭنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: 40 يىلدىن بۇيان، جىڭنىڭ ناھىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خاس تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئورتاق بېيىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە شېزۇ يۇرتى جىڭنىڭنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى 1984- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە جىڭنىڭنى ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدىكى ئالاقە نۇقتىسى قىلغان، مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، جىڭنىڭنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەرگەن. يېقىندا، جىڭنىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ناھىيە قۇرۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيانقى تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلىپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، تىرىشىپ مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئورتاق بېيىشىدىكى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125