ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى
21:49:42 2024-06-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى 

 زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

6- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە كۆرگەزمىگە قاتناشقان چەت ئەللىك بىر قىسىم مىنىستىر دەرىجىلىك ئەزىز مېھمانلار، يەرلىك مەمۇرىي ئەمەلدارلار ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 6- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە كۆرگەزمىگە قاتناشقان چەت ئەللىك بىر قىسىم مىنىستىر دەرىجىلىك ئەزىز مېھمانلار، يەرلىك مەمۇرىي ئەمەلدارلار ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ئەزىز مېھمانلارنىڭ 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى كۆزنىكى. بىز يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دىققەتنى ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشقا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىمىز. كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان خەلقئارا مۇھىت ۋە رايون ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىش بارغانسېرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر تاللاش بولۇپ قالدى. ھازىر، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى جۇش ئۇرماقتا، ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىشى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبالى پارلاق. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق خەلققە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 بىر قىسىم چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار سۆز قىلىپ، 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ رايون ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاكتىپ رولىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن، بولۇپمۇ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 رۇسىيە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مەمۇرى رۇستەم مىننىخانوۋ مۇنداق بىلدۈردى: تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق يېڭى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ۋە ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 بېلارۇسىيە يېزا ئىگىلىك ۋە يېمەكلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بارتوز سېرگېي مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاسىيا- ياۋروپا رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىكى نۇقتىلىق يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا- ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بېلارۇسىيەنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. بېلارۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە، بىيو تېخنىكا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئۆسۈملۈك سورتىنى يېتىشتۈرۈش، يېڭىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى ۋە رەقەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا پايدا- مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرىدۇ.

 شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ مىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ئاسىيا- ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئېنىق يەتكۈزۈلدى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئېچىۋېتىلگەن غەربىي دەرۋازىسى بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق داۋامىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتتا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى مۇھىم تايانچ قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئادىمىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 مالايسىيا ساياھەت، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كەيلۇ فىردىس ئاباك. خان مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل مالايسىيا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، شۇنداقلا مالايسىيا- جۇڭگو دوستلۇق يىلى، ئىككى دۆلەت كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەختىيار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، ئىران شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، رايون ھەمكارلىقى تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز پائال قەدەم تاشلايدۇ. جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، چېگرا ھالقىغان سودىغا مەبلەغ سېلىش جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سۇپا، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشقا پائال قاتنىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مۇھىت خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، خەۋپسىزلىك جەھەتتە سۆزلىشىشنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋاكالەت ئورنىنىڭ مۇدىرى فاھىمى مۇنداق بىلدۈردى: شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولىنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، ئەزەلدىن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئۇدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، گۈللىنىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئورتاق ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تىرىشىپ، سىياسەت جەھەتتە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

 ئەنگلىيەلىك دوستانە زات كىرىستىنا كوسترا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، بۇ، جۇڭگونىڭ گۈللەنگەنلىكى، تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. خەلقنى تېخىمۇ كۆپ بەخت تۇيغۇسى ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ تىرىشىش نىشانى بولۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى سەپەردە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمنى پائال ھەمبەھرىلەش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا قارىتىلغان يالغان- ياۋىداق سۆز، بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بېرىمەن.

 سومالى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي باش كاتىپى خاردوۋا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىشتىكى بوشاشماس تىرىشچانلىقى ۋە پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى. ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەكنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125