جۇڭگو− قازاقىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
22:11:00 2024-06-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جۇڭگو− قازاقىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

ما شىڭرۇي، جۇمانغارىن ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى، گاۋ يۈنلۇڭ سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ گاڭ، لى يىفېي سۆز قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى

6- ئاينىڭ 26- كۈنى، «ئىناق قوشنىدارچىلىق- دوستلۇق، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش» باش تېما قىلىنغان 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو − قازاقىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو− ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو- قازاقىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو، قازاقىستان ئىككى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، دىققەتنى «ئىناق قوشنىدارچىلىق- دوستلۇق، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش» باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- قازاقىستان يەرلىكلەر ئارا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يەرلىكنىڭ كۈچىنى قوشۇش ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جۇمانغارىن مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى جاۋ گاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو- قازاقىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتى مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەلدۈرۈلۈپ، يېڭى «ئالتۇن 30 يىل» باشلاندى. قازاقىستان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ھەمراھى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام- دەرىجىلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى جانلاندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. ھازىر، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىۋاتىدۇ. قازاقىستان تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، گۈللەپ ياشناۋاتقان «يېڭى قازاقىستان» قۇرماقتا؛ ھەر ئىككىلا تەرەپ تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، كەلگۈسى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. جۇڭگو شىنجاڭ بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگودىكى ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو- قازاقىستان يەرلىكلەر ئارا ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇشنى خالايدۇ.

 جۇمانغارىن ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرى ئارىسىدىكى ياخشى دوستلۇقنىڭ تۈرتكىسىدە، قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە، ئىككى تەرەپ بىر قاتار چوڭ- چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى تۇنجى قېتىم قازاقىستاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، قازاقىستان- جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتناش قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق كۆپ ساھەدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق سېلىنما مەنبەسى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ھازىر، قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن زۆرۈر شارائىت يارىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىقلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ يىل جۇڭگونىڭ »قازاقىستان ساياھەت يىلى«. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، قازاقىستان تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ قازاقىستانغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد- سودا ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى قارشى ئالىدۇ. قازاقىستان باشتىن- ئاخىر ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت بىلىپ، تېخىمۇ كۆپ چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قازاقىستان- جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلىك ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 گاۋ يۈنلۇڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان رەئىس شى جىنپىڭنىڭ »بىر بەلباغ، بىر يول«نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى تۇنجى قېتىم تەشەببۇس قىلىنغان جاي ۋە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئەڭ بۇرۇن قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ بۇرۇن قاتناشقان دۆلەت. ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسى سىجىل ئۆسۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. بۇلتۇر، جۇڭگو شىنجاڭ ۋە باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى قويۇق، بېرىش- كېلىشى كۆپ بولۇپ، بىر قاتار ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەدرىجىي ھالدا جۇڭگو- قازاقىستان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، كېڭەيتىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. بۇ قېتىم شىنجاڭدا جۇڭگو- قازاقىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈش جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ سۇپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- قازاقىستان ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يەرلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ھەر ئىككىلىسى تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىز قازاقىستان تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو- ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ۋە 3- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ »بىر بەلباغ، بىر يول«نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېرىش- كېلىش، ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايمىز.

 جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شېڭ چيۇپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ قازاقىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىساد- سودا، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن 30 يىل»ىنىڭ قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 جاۋ گاڭ، لى يىفېي ۋە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى سۇڭ جۈنجى سۆزىدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش نەتىجىلىرى ھەمدە كېيىنكى قەدەمدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەۋزەللىكى ۋە ئىستىقبالىنى تونۇشتۇردى. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت بىلىپ، قازاقىستان بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئەۋزەل ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ- چوڭ ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو- قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.

 مۇنبەردە كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاندىكى سودا جەمئىيەتلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئۇدۇللاشتۇردى.

 قازاقىستان سودا ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تۆلېبايېف، ئاباي ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى ئۇرانقايېف، چىمكەنت شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى سىزدىقبېكوف، ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى سۇلتانغازىيېف ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق تارماق، ئوبلاست، شەھەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلىدى، كېيىنكى قەدەمدە ھەمكارلىشىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو- قازاقىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپا قىلىپ، جۇڭگودىكى ھەرقايسى جايلار بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىشتا ئۈزلۈكسىز مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، سودا ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى مۇنبەرگە قاتناشتى.

 بېيجىڭ، ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، شەندۇڭ، خەينەن، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە شىئەن شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن- تېخنىكا گۇرۇھى، جۇڭگو خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى قاتارلىق مەركەز كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى مۇنبەرگە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125